خوتەن يېزا سودا بانكىسى قۇرۇش تەييارلىقى تەستىقلاشقا ئېرىشتى

时事   2024-10-24 15:47   北京  

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا سودا بانكىسى قۇرۇش تەييارلىقى تەستىقلاشقا ئېرىشتى

10-ئاينىڭ 23-كۈنى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورىدا «دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا سودا بانكىسىنى قۇرۇش تەييارلىقى توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋابى»نى ئېلان قىلدى، تەستىقىي جاۋابتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشقا قوشۇلغان. بۇ، شىنجاڭ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يېزا سودا بانكىسىدىن كېيىن، يەنە بىر ۋىلايەت، شەھەر (ئوبلاست) دەرىجىلىك بىرلىككە كەلگەن قانۇنىي ئىگە يېزا سودا بانكىسىنىڭ قۇرۇش تەييارلىقى تەستىقىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

 شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خوتەن يېزا سودا بانكىسى قۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قۇرۇش تەييارلىقى ئىشلىرىنى بېجىرىپ، تەستىقىي جاۋاب بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە قۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك. تەييارلىق خىزمىتى قەرەلىدە تاماملانمىسا، تەييارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەييارلىق مۇددىتى توشۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن تەييارلىق مۇددىتىنى ئۇزارتىش دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، تەييارلىق مۇددىتىنى بىر قېتىمدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، تەييارلىق مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئۇزاق مۇددىتى ئۈچ ئاي بولىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇش تەييارلىقى مەزگىلىدە شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، خوتەن پۇل مۇئامىلنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسىنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، پۇل مۇئامىلە كەسپى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويۇلمايدۇ. تەييارلىق خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە تەرتىپ بويىچە خوتەن پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسىگە تىجارەت باشلاش ئىلتىماسى سۇنۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سىنۋالنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章