خەيرلىك كەچ: بوشاشمىسىڭىزلا چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ

时事   2024-10-23 23:30   北京  


خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 





你不退缩,办法就比困难多

بوشاشمىسىڭىزلا چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ


ღ ღ ღ


  一位学员小妹妹遭遇了婚姻危机,说好的携手白头,结果对方半路撂了挑子,以后孩子只能靠她一个人了。


بىر ئوقۇغۇچى سىڭلىم توي كىرزىسىغا دۇچ كەلدى، قېرىغىچە بىللە ئۆتىمىز دېيىشكەن بولسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپ يېرىم يولدا ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى، شۇنىڭدىن كېيىن بالىنى ئۇ ئۆزى يالغۇز بېقىشقا مەجبۇر بولدى.

  即便知道这世上有许多单亲妈妈依然活得漂亮,可一想到自己孤立无援,就觉得做不到别人那么坚强。


گەرچە، دۇنيادىكى نۇرغۇن جورىسىز ئانىلارنىڭ يەنىلا ناھايىتى گۈزەل ياشاۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ يالغۇز، ياردەمچىسىز قالغانلىقىنى ئويلىسىلا، باشقىلاردەك ئۇنچە قەيسەر بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.

  隔着屏幕,我很想抱抱她,也想跟她说:没有人天生坚强。


ئارىمىزنى ئېكران توسۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما مېنىڭ ئۇنى بەكلا قۇچاقلىغۇم، ئۇنىڭغا: «ھېچكىم قەيسەر بولۇپ تۇغۇلمايدۇ» دېگۈم كەلدى.

  我的同学小泉,是我们公认的“铁娘子”。有一年,小泉的丈夫生了一场病,家底瞬间被掏空。丈夫要休养,孩子要读书,小泉在一年之内迅速成长。


ساۋاقدىشىم شياۋ چۈەن ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىدىغان «تۆمۈر ئايال». بىر يىلى شياۋ چۈەننىڭ يولدىشى ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن، ئائىلىسى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە قۇرۇقدىلىنىپ قالدى. يولدىشى كۈتۈنۈشى، بالا مەكتەپتە ئوقۇشى كېرەك بولغانلىقتىن، شياۋ چۈەن بىر يىل ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلدى.

  那段时间,小泉早上送完孩子上学就开始马不停蹄地工作,中午匆忙赶回家做饭,来不及打个盹儿,胡乱吃几口就赶去医院给丈夫送饭。


ئۇ مەزگىللەردە شياۋ چۈەن ئەتىگىنى بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىۋېتىپ دەرھال ئىشقا باردى، چۈشتە ئالدىراپ ئۆيىگە كېلىپ تاماق ئەتتى، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىشقىمۇ ۋاقتى چىقمىدى، تاماقتىن ھاپىلا-شاپىلا بىر نەچچە كاپام يەپلا، دوختۇرخانىدىكى يولدىشىغا تاماق ئېلىپ ماڭدى.

  她每天都要打起十二分精神,在下班前完成所有工作,不然就会耽误接孩子放学。


ئۇ ھەر كۈنى نەچچە ئۈلۈش غەيرەت قىلىشى، ئىشتىن چۈشۈشتىن ئىلگىرى بارلىق خىزمەتلەرنى تۈگىتىشى كېرەك ئىدى، ئۇنداق قىلمىسا، مەكتەپتىن قايتىدىغان بالىسىنى ئالغىلى بېرىشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى.

  晚上,依然是买菜做饭,再和孩子一起到医院照顾丈夫。回来辅导完孩子作业,还得处理一堆家务。


كەچتە، يەنە كۆكتات سېتىۋېلىپ تاماق ئەتكەندىن كېيىن، بالىسى بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا بېرىپ يولدىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى؛ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بالىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، يەنە تېخى بىر مۇنچە ئۆي ئىشى قىلدى.

  有一次,一位好友去医院看望小泉的丈夫,出来时正好碰见小泉来送饭。那是个雨天,小泉左手拎着饭盒,右手撑着伞护着孩子,半边身子是湿的,头发贴在脸上,下巴滴滴答答流着水。


بىر قېتىم بىر دوستى شياۋ چۈەننىڭ دوختۇرخانىغا يولدىشىنى يوقلىغىلى بېرىپ قايتىدىغاندا، تاماق ئېلىپ كەلگەن شياۋ چۈەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ كۈنى يامغۇر ياغقان بولۇپ، شياۋ چۈەن سول قولىدا تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ، ئوڭ قولىدا بالىسىغا كۈنلۈك تۇتۇپ بەرگەنلىكتىن، بەدىنىنىڭ يېرىمى ھۆل بولغان، چاچلىرى يۈزلىرىگە چاپلىشىپ كەتكەنىدى، زاڭىقىدىن تاراملاپ سۇ ئېقىۋاتاتتى.

  好友当即就哭了。小泉却安慰她说:别担心,会好的。


دوستى شۇ ھامان يىغىلىۋەتتى. بىراق، شياۋ چۈەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ: «ئەنسىرىمە، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى.

  “铁娘子”的称呼就是那个时候传开的。


«تۆمۈر ئايال» دېگەن نام شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تارقالغانىدى.

  听好友描述那个场面,我们完全无法想象这就是当年那个见到蟑螂都会魂不守舍的小泉。


دوستىنىڭ ئۇ كۆرۈنۈشنى تەسۋىرلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىز بۇنىڭ ئەينى يىلى سۈۋەرەكنى كۆرسىمۇ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدىغان شياۋ چۈەن ئىكەنلىكىنى پەقەتلا تەسەۋۋۇر قىلالمىدۇق. 

  没人天生就拥有抵御风雨的本领,小泉说,踏过去了,你才有资格说你经历过困难。


ھېچكىمنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا بوران-چاپقۇنغا تاقابىل تۇرالايدىغان قابىلىيىتى بولمايدۇ. شياۋ چۈەن: «دەسسەپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز، ئاندىن قىيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈردۈم دەيدىغان سالاھىيىتىڭىز بولىدۇ» دەيدۇ.


ღ ღ ღ


  原来在工厂上班的时候,我们宿舍有个女孩叫阿梅。每天晚上下了班,室友们一边绣着十字绣一边聊天的时候,阿梅就打开她的高中课本,记公式,背单词。


زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ۋاقىتلىرىمدا، ياتىقىمىزدا ئا مېي ئىسىملىك بىر قىز بار ئىدى. ھەر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ياتاقداشلار كەشتە تىككەچ پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئا مېي تولۇق ئوتتۇرىدىكى دەرسلىك كىتابىنى ئېچىپ فورمۇلالارنى خاتىرىلەپ، تاق سۆز يادلاشقا باشلايتتى.

  有室友笑她,工作了,就不用惦记学校的东西了,以后用不着了。


ياتاقداشلاردىن بىرى ئۇنى مازاق قىلىپ: «خىزمەتكە چىقىپ بولغاندىن كېيىن، مەكتەپتىكى نەرسىلەرنى ئويلىشىڭىز ھاجەتسىز، ئەمدى ئىشلىتەلمەيسىز» دېدى.

  阿梅很笃定地说,我不能让自己忘记这些知识,等我赚够我和妹妹的学费,我还要回去读书的。


ئا مېي تولىمۇ تەمكىن ھالدا: «بۇ بىلىملەرنى ئۇنتۇپ قالسام بولمايدۇ، سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ ئوقۇشىغا يېتەرلىك پۇل توپلاپ بولسام، يەنە مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇيمەن» دېدى.

  阿梅两姐妹生活在单亲家庭,她们的父亲在阿梅上高三的时候受了腰伤,短期内无法返回工地挣钱了,姐妹俩的学费成了大难题。


ئا مېي بىلەن سىڭلىسى جورىسىز ئائىلىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئا مېي تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا، ئۇلارنىڭ دادىسىنىڭ بېلى يارىلىنىپ، قىسقا مۇددەتتە قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ پۇل تېپىشقا ئامالسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەننىڭ ئوقۇش ھەققى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى.

  阿梅在高考前退了学,来到南方工厂打工。每个月拿了工资,阿梅给自己留下几十块钱买日用品,剩下的全部寄回家,供爸爸养身体和妹妹上学。


ئا مېي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئىلگىرى ئوقۇشتىن چېكىنىپ، جەنۇبتىكى بىر زاۋۇتقا ئىشلىگىلى كەلدى. ئا مېي ھەر ئايلىق مائاشىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە تۇرمۇش بۇيۇمى ئالىدىغان نەچچە 10 يۈەنلا قالدۇرۇپ، قالغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى دادىسىنىڭ كۈتۈنۈشى ۋە سىڭلىسىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈن ئائىلىسىگە ئەۋەتىپ بەردى. 

  一个刚满18岁的女孩子,撑起了一个家。阿梅却从不觉得自己委屈,每周末固定打两个长途电话,一个打给爸爸,问身体;一个打给妹妹,问学习。


ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن قىز بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالدى. ئا مېي ئەزەلدىن ئۆزىنى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدىم دەپ قارىمايتتى. ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىغا بېكىتىلگەن ئىككى ئورۇنغا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرۇش ۋاقتىدا، ئۇ بىرىنى دادىسىغا قىلىپ، سالامەتلىكىنى سورايتتى؛ بىرىنى سىڭلىسىغا قىلىپ، ئۆگىنىشىنى سورايتتى.

  所谓坚强,并不是一个人天生就有多适应低谷,而是能在低谷里看到方向。


ئاتالمىش قەيسەرلىك ھەرگىزمۇ بىر ئادەمدە تۇغما بولىدىغان قىيىنچىلىققا كۆپرەك ماسلىشىش بولماستىن، بەلكى  قىيىن شارائىتتا نىشاننى كۆرەلەيدىغان بولۇشتۇر.

  阿梅从不叫苦。在她看来,有三件事是毋庸置疑的:爸爸的身体是会好的。妹妹是会上大学的。自己是会回去继续参加高考的。


ئا مېي ئەزەلدىن قاخشىمايتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە بولغاندا، ئۈچ ئىشتىن گۇمانلانغىلى بولمايتتى: دادىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. سىڭلىسى ئالىي مەكتەپكە ئۆتىدۇ. ئۆزى قايتىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. 

  有人说,一个人知道自己为了什么而活,他就能够忍受任何一种生活。


بەزىلەر ئادەم ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى بىلسە، ھەرقانداق تۇرمۇشقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، دېيىشىدۇ.

  世俗意义上的坚强可能大抵如此。不管身处多糟糕的环境,如果你不丢失对未来的希望,那么任何困难也拿你没辙。


ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىدىيە ئارىلاشمىغان قەيسەرلىك ئېھتىمال مۇشۇنداق بولسا كېرەك. مەيلى قانچىلىك ناچار شارائىتتا تۇرسىڭىزمۇ، ئەمما كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدنى يوقاتمىسڭىزلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىق سىزنى ئىلاجىسىز قالدۇرالمايدۇ.

  办法总比困难多,往前走,生活就能继续。


چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ، ئالدىڭىزغا ماڭسىڭىزلا تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.


ღ ღ ღ


  没有谁在遭遇猝不及防的打击时能始终从容淡定,我们眼里那些什么困难也打不垮的人,都是因为选择了坚强。


ھېچقانداق ئادەم تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچرىغاندا، باشتىن-ئاخىر تەمكىن بولالمايدۇ. بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ھېچقانداق قىيىنچىلىق يىقىتىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دەل قەيسەرلىكنى تاللىغانلاردۇر.

  就像小泉,生活容不得她退缩。她不硬着头皮往前冲,一家人就难有指望。


خۇددى شياۋ چۈەنگە ئوخشاش، تۇرمۇش ئۇنىڭ چېكىنىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇ جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمىسە، بىر ئائىلە كىشىلىرىدە ئۈمىد بولۇشى قىيىن.

  困难,是最欺软怕硬的,你强它就弱,你弱它就强。


قىيىنچىلىق بوشاڭنى بوزەك قىلىپ، قەيسەردىن قورقىدۇ. سىز كۈچەيسىڭىز، ئۇ ئاجىزلايدۇ، سىز ئاجىزلاشسىڭىز ئۇ كۈچىيىدۇ.

  如今的小泉,创办了一家培训机构,她那份从琐事里磨出来的耐心为她赢得了许多家长的信任,为她打开了一片新的天地。


ھازىر شياۋ چۈەن بىر تەربىيەلەش ئورگىنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئاشۇ ئۇششاق ئىشلار ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن سەۋرچانلىقى ئۇنى نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر يېڭى زېمىن ھازىرلاپ بەردى.

  阿梅虽然最后也没能圆她的高考梦,却从未停止过学习。凭着一股不服输的劲儿,慢慢爬上了企业高管的位置。


ئا مېي، گەرچە كېيىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويمىدى، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان ئىرادىسى بىلەن ئاستا-ئاستا كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىق ئورنىغا چىقتى.

قىيىنچىلىققا يولۇقۇشنى ئۆسۈپ يېتىلىش ئەمەس دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟ چوڭ ئىش قىلىدىغانلارنىڭ تەڭداشسىز ئىقتىدارى بولۇشى ناتايىن. بىراق، ئۇلاردا چوقۇم ئېگىلمەس ئىرادە بولىدۇ. ناۋادا، سىز بىر ئادەمنىڭ بەكلا قەيسەرلىكىنى كۆرسىڭىز، ئۇ چوقۇم باشقىلار تارتىپ باقمىغان ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ.

ھايات تولىمۇ ئۇزۇن، سىناقلار تولىمۇ كۆپ، ھېچكىمنىڭ ھاياتى بىر ئۆمۈر تىپتىنچ ئۆتمەيدۇ. بىراق، قىيىنچىلىق قورقۇنچلۇق ئەمەس، پەقەت سىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىسىڭىزلا ھامان چىقىش ئېغىزى تاپالايسىز. ئىزچىل ئۆز ئورنىدا تۇرۇۋېلىش ئەڭ قورقۇنچلۇقتۇر. چۈنكى، سىز قاراڭغۇ كۈنلەرنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.

شۇڭا، ناۋادا قىيىنچىلىقتا قالغاندەك ھېس قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزگە چوقۇم بىر نىشان تېپىڭ. قىيىن كۈنلەردە بىر يىقىلىپلا ئورنىدىن تۇرالمىغاندىن ئاشۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى دەسسەپ ئۆتۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن ياخشى. پەقەت، داۋاملىق ئالدىغا ماڭسىڭىزلا، بەرداشلىق بېرەلەيدىغىنىمىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىنمۇ قالتىس ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.

ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر جۈملىنى سىز بىلەن ئورتاقلىشاي: ئەڭ يامان پەيتلەرگە بەرداشلىق بەرسىڭىز، ھايات ھېچقانچە قىيىنلىشىپ كېتەلمەيدۇ.


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

         مەنبە: خەلق تورى


خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: مىجەزىڭىز تەلىيىڭىزگە توسالغۇ بولمىسۇن

 خەيرلىك كەچ: باشقىلاردىن بەك زور ئۈمىد كۈتمەڭ

 قارىماققا مەنىسىز بىلىنىدىغان ۋاقىتلارغا بەرداشلىق بېرىڭ

 خەيرلىك كەچ: تىرىشقان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ

 خەيرلىك كەچ: پاسسىپ ئېنىرگىيە تارقىتىدىغان ئادەم بولماڭ

 ھەقىقىي پىشىپ يېتىلگەنلەر ئوخشىماسلىقنى سىغدۇرالايدۇ




خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章