دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: قالايمىقان جەرىمانە قويۇشقا، قالايمىقان تەكشۈرۈشكە، قالايمىقان پېچەتلەشكە بولمايدۇ
بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەرنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى تېز سۈرئەتتە پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشمەكتە. 23-چېسىلا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كارخانىلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى پائال ئەلالاشتۇرۇش كېرەك، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىشقا ۋە پايدىغا يۈزلىنىپ قانۇن ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ، قالايمىقان جەرىمانە قويۇشقا، قالايمىقان تەكشۈرۈپ، قالايمىقان پېچەتلەشكە بولمايدۇ.
كارخانىلارغا چېتىلىدىغان قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى «ئوخشاش دېلوغا ئوخشاش بولمىغان جازالاش» «ئوخشاش تۈردىكى دېلولارنى تۈرگە ئايرىپ جازالىماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت رېۋىزىيە ئورگانلىرى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە پايدىغا يۈزلىنىپ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمدە قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان تەكشۈرۈش، قالايمىقان پېچەتلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات سىستېمىسى بىلەن بىرلىكتە، يەرلىكنىڭ جەرىمانە -مۇسادىرە كىرىمى ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بىلەن قانۇن ئىجراسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار «نېمە ئىش قىلالايدۇ، نېمە ئىش قىلالمايدۇ» دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى خاتىرجەم تىجارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سىنۋالنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى
ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى
ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز
شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ
خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى