گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قول سېلىپ ئومۇميۈزلۈك زەربە بەردى

时事   2024-10-24 19:30   北京  

گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قول سېلىپ ئومۇميۈزلۈك زەربە بەردى!

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى قاتتىق زەربە بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق قاتارلىق كۆپ يۈزبېرىدىغان جىنايەتلەرگە قارىتا يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىشتە دۇچ كېلىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلىش، كوچىدا ئوغرىلىق قىلىش، ئاپتوموبىل ئوغرىلاش، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان مال-مۈلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بېسىپ، يېڭىچە مال ـ مۈلۈككە چېقىلىش جىنايىتىگە ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئومۇم ئىشىغا، مال-مۈلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلىش، مىنىستىرلىق، كومىتېت، مەركەز كارخانىلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ دۆلەت كارخانىلىرى ئالدامچىلىقى، مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىش تۈرىدىكى ئالدامچىلىق، «پۇل تېگىشكۈچىلەر» ھەم ھاسىلىي جىنايەت قاتارلىقلارغا زەربە بېرىش-تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈش، تولۇق تەكشۈرۈش، كۈچلۈك زەربە بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، توپلىشىپ جەڭ قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سىنۋالنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章