تىجارەتنى دەرھال توختىتىڭلار! ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش كەلدى ←

时事   2024-10-24 09:02   北京  

تىجارەتنى دەرھال توختىتىڭلار! ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش كەلدى

دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2024-يىللىق دۆلەت گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە، فۇجيەن ئۆلكىلىك يېمەكلىك-دورا سۈپىتىنى تەكشۈرۈش-تەتقىق قىلىش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، مەھسۇلات بەلگىسىدە گۇاڭجوۋ شيېخې بىيو تېببىي دورا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بەنشياۋجياڭ ئاقارتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش مېيى قاتارلىق 49 تۈركۈم (قېتىملىق) گىرىم بۇيۇملىرى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. 49 تۈركۈم (قېتىم) بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئۇچۇرى تۆۋەندىكىچە:

 附件:49批次不符合规定化妆品信息

«گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش نىزامى»، « گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى»، « گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش چارىسى»گە ئاساسەن، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى شاڭخەي شەھەرلىك، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك، يۈننەن ئۆلكىلىك دورا نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئىدارىلىرىدىن يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىغا چېتىلىدىغان رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلار، ئەنگە ئالدۇرغۇچىلار، ھاۋالە قىلىنغان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى قاتارلىقلارغا قارىتا قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى، ئالاقىدار كارخانىلارنى دەرھال قانۇن بويىچە خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشقا ھەمدە ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇشنى؛ ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئالاقىدار گىرىم بۇيۇملىرى تىجارەتچىلىرىنى يۇقىرىقى گىرىم بۇيۇملىرى تىجارىتىنى دەرھال توختىتىشقا، ئۇلارنىڭ مال كىرگۈزۈشتىكى تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشكە، قانۇنغا خىلاپ مەھسۇلاتلارنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرۈشكە بۇيرۇشنى؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بايقالغانلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى؛ جىنايەتكە چېتىلغانلىرىنى قانۇن بويىچە گۇڭئەن ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سىنۋالنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章