شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ھەققىدە

时事   2024-10-24 15:47   北京  

ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە 3 - مەيدان مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

89 تۈردە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 111 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشتى

10- ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە 3 - مەيدان مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ - ئارقا سەپ ئورۇنلىرى ھەم 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى 240تىن ئارتۇق كارخانا ۋەكىللىرى قاتناشتى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانىلار بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىم تۈرىدىن 58نى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 44 مىليارد 755 مىليون يۈەنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇددىئا كېلىشىمى ھەم رامكا كېلىشىمى تۈرىدىن 31ى ئىمزالىنىپ، سېلىنماقچى بولغان مەبلەغ 67 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولدى. بۇ قېتىم كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر سودا ئەشيا ئوبوروتى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش دۆلەتنىڭ رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، تۈركۈم - تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەر شىنجاڭدا ماكانلىشىپ يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى شۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانىلارنى قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش ۋە توپلاشنى مەقسەت قىلغان. 

«كۆمۈركان كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ مول نەتىجىگە ئېرىشتۇق، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ مول قېزىلما بايلىقى ۋە ئەۋزەل مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقە ئورناتتۇق. بۇ بىزنىڭ كەسىپنى كېڭەيتىپ، رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشىمىزغا پايدىلىق» دېدى لياۋنىڭ ئۆلكىسى بېنشى شەھىرى جۇڭيى كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كارخانا مەسئۇلى سۇن پېيدۇڭ.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانىلارنى شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراماي شەھىرى، كورلا شەھىرىدە شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە ئىككى مەيدان مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، نەق مەيداندا ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سىنۋالنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章