سەھەر تۇرالمىسىڭىز، يەنە چوڭ ئىشلارنى قىلالامسىز؟

时事   2024-10-09 23:50   北京  


早起都做不到,人生怎么“开挂”?

سەھەر تۇرۇشنىمۇ قىلالمىسىڭىز، كىشىلىك ھاياتتا يەنە چوڭ ئىشلارنى قىلالامسىز؟


ღ ღ ღ


很多人喜欢在朋友圈里晒加班,有时候看多了甚至会让大家产生一种错觉,以为熬夜加班就是奋斗。

نۇرغۇن كىشىلەر دوستلار چەمبىرىكىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكىنى نامايان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق ئىشنى كۆرۈۋەرگەنلىكتىن، بەزىدە ھەتتا كۆپچىلىكتە كېچىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى كۈرەش قىلغانلىق، دەپ قارايدىغان بىر خىل خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. 

殊不知拉开人与人之间差距的,从来都不是晚睡,而是早起。真正厉害的人,他们从不在凌晨通宵拼命,而是用早起的方式打开新的一天。 

بىراق ئەمەلىيەتتە، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىدىغىنى ئەزەلدىن كەچ ئۇخلاش ئەمەس، بەلكى سەھەر تۇرۇشتۇر. ھەقىقىي قالتىس ئادەملەر ئەزەلدىن تاڭ ئاتقۇچە جان تىكىپ ئىشلىمەستىن، بەلكى سەھەر تۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن يېڭى بىر كۈننى باشلايدۇ. 

早起的人,往往优秀得“可怕”。

سەھەر تۇرىدىغانلار كۆپ ھاللاردا مۇنەۋۋەرلىكىدىن باشقىلارغا «قورقۇنچ» ھېس قىلدۇرىدۇ.


ღ ღ ღ

著名作家梁实秋,一直坚持写作,给我们带来了许多经典作品。

داڭلىق يازغۇچى لياڭ شىچيۇ يېزىقچىلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، بىزگە نۇرغۇن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى قالدۇردى. 

能长期坚持创作非常不容易,靠的就是他长期早起的习惯。

ئىجادىيەتنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس، بۇنىڭدا لياڭ شىچيۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەت سەھەر تۇرۇش ئادىتىگە تايانغان. 

梁实秋每天早上天未亮就起床,不用别人叫,到点就醒,趁早上周围比较安静的时候写稿。

لياڭ شىچيۇ ھەر كۈنى تاڭ يورۇماستىلا ئورنىدىن تۇرىدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ چاقىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، تۇرىدىغان ۋاقىت بولۇشى بىلەنلا ئويغىنىپ كېتەتتى ھەمدە ئەتىگىنى ئەتراپ بىر قەدەر جىمجىت ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ يېزىقچىلىق قىلاتتى. 

他翻译《阿伯拉与哀绿绮思的情书》的时候,就是趁太阳没出的时候搬竹椅在廊檐下动笔,等到太阳晒满半个院子,人声嘈杂,他便收笔,在一个月内就译完了这本书。

ئۇ «ئابېلارد بىلەن خېلويسىنىڭ سۆيگۈ مەكتۈبى»نى تەرجىمە قىلغاندا، تېخى كۈن چىقمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بامبۇك ئورۇندۇقنى پېشايۋان ئاستىغا يۆتكەپ تەرجىمە قىلىشنى باشلايتتى، كۈن چىقىپ ھويلىنىڭ ھەممە يېرى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن تولغاندا، ئۇ ئىشنى توختىتاتتى، مۇشۇنداق قىلىپ بىر ئاي ئىچىدىلا بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ بولدى. 

早上工作效率特别高,心情也愉快。当天的写作完成后,他就走到街上观察:草上的露珠还没有干,男的女的担着新鲜肥美的菜蔬进城,青年男女穿着熨平的布衣精神抖擞地骑着脚踏车去上班。

ئەتىگەندە خىزمەت ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولاتتى، كەيپىياتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. شۇ كۈندىكى يېزىقچىلىق تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ كوچىغا چىقىپ كۆزىتەتتى: ئوت-چۆپلەر ئۈستىدىكى شەبنەم تامچىلىرى تېخى قۇرۇمىغان، ئەر-ئاياللار يېڭى، چىرايلىق كۆكتاتلارنى كۆتۈرۈپ شەھەرگە كىرىۋاتقان، ئوغۇل-قىزلار دەزمال سېلىنغان كىيىملىرىنى كىيىشىپ، روھلۇق ھالدا ۋېلسىپىت مىنىپ ئىشقا ماڭغان كۆرۈنۈشلەر ئۇنى مەپتۇن قىلاتتى. 

看着那些充满朝气的生活场景,他满心欢喜,感觉浑身都充满生活的力量,于是又有更多激情投入到写作中。

جۇشقۇن تۇرمۇش مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى خۇشاللىققا چۆمۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى تۇرمۇشنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تولغاندەك ھېس قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە تېخىمۇ كۆپ قايناق ھېسسىيات بىلەن يېزىقچىلىق قىلىشقا كىرىشىپ كېتەتتى. 

这是一个良性的循环。

بۇ بىر ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىش ئىدى. 

南怀瑾先生曾说过:“能够控制早晨的人,方可控制人生。”

نەن خۇەيجىن ئەپەندى: «سەھەرنى كونترول قىلالايدىغان ئادەم ھاياتنى كونترول قىلالايدۇ» دېگەن. 

梁实秋,用长期的早起和积累,创作了多部文学作品,成为大家眼中优秀得“可怕”的人。

لياڭ شىچيۇ ئۇزاق مۇددەت سەھەر تۇرۇپ ۋە تەجرىبە توپلاپ، نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىكى مۇنەۋۋەرلىكىدىن «قورقۇنچلۇق» ئادەمگە ئايلانغان. 


ღ ღ ღ

多伦多大学曾做过一项实验,选取了两组志愿者,一组由435名青年人组成,另一组则由297名中老年人组成。

تورونتو داشۆسى ئىلگىرى بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئىشلىگەن بولۇپ، ئىككى گۇرۇپپا پىدائىيلارنى تاللىغان، بىر گۇرۇپپا 435 نەپەر ياشلاردىن تەشكىللەنگەن، يەنە بىر گۇرۇپپا بولسا 297 نەپەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن تەركىب تاپقان. 

他们都填写了一份关于自己情绪、身体健康程度、起床时间等问题的调查问卷。

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ كەيپىياتى، تەن ساغلاملىق دەرىجىسى، ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش سوئال قەغىزىنى تولدۇرغان. 

结果显示,无论是青年人还是中老年人,坚持早起的人都拥有更好的工作状态,他们身体更健康,更能在生活中感知幸福。

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەيلى ياشلار ياكى ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار بولسۇن، سەھەر تۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغانلار تېخىمۇ ياخشى خىزمەت ھالىتىگە ئىگە بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ تېنى تېخىمۇ ساغلام بولۇپ، تۇرمۇشتا بەختنى تېخىمۇ ھېس قىلالايدىكەن. 

早起和晚睡,其实过的是截然不同的两种人生。 

سەھەر تۇرۇش ۋە كەچ ئۇخلاش ئەمەلىيەتتە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ھايات. 

早起改变的不止是你的精神状态,更能拉开人与人间事业的差距。

سەھەر تۇرۇش سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى پەرقنى چوڭايتالايدۇ. 

作家蒂姆·费里斯曾在书中提及一位曾任美国海豹突击队的指挥官——杰克·威林克。他把威林克请到自己的家中访问,并住了一晚上。第二天一早费里斯醒来发现威林克不见了,后来才得知威林克在突击队时就养成每天四点四十五起床的习惯。

يازغۇچى تىم فېررىس كىتابىدا ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ قوماندانى بولغان جېك ۋېلىنكنى تىلغا ئالغان. كىتابتا دېيىلىشىچە، ئۇ ۋېلىنكنى ئۆيىگە كېلىپ زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ ھەمدە بىر كېچە قوندۇرۇپ قاپتۇ. 2-كۈنى سەھەردە فېررىس ئويغىنىپ، ۋىلىنكنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ، كېيىن ۋىلىنكنىڭ زەربىدارلار ئەترىتىدە ھەر كۈنى سائەت 4 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئورنىدىن تۇرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى بىلىپتۇ. 

费里斯不解:“你现在都不在突击队了,干嘛还坚持早起?”

فېررىس چۈشىنەلمەي: «سىز ھازىر زەربىدار ئەترەتتە بولمىسىڭىز، يەنە نېمىشقا سەھەر تۇرۇۋالىسىز؟» دەپ سوراپتۇ. 

威林克说:“在军队时,总觉得某个敌人在等着我,所以我要比他早起一些。现在虽然不在军队,但一想到有那么多竞争者,当我醒来,他们却在熟睡,我就有种莫名的优越感。”

ۋېلىنك مۇنداق دەپتۇ: «ئارمىيەدە تۇرغاندا، دائىم مەلۇم بىر دۈشمەن مېنى ساقلاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم، شۇڭا ئۇنىڭدىن بىر ئاز بالدۇر تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى. ھازىر گەرچە ھەربىي قىسىمدا بولمىساممۇ، لېكىن نۇرغۇن رىقابەتچىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، مەن ئويغانغاندا، ئۇلارنىڭ قاتتىق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى ئويلىسام، مەندە بىر خىل غەلىتە ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.»

威林克的优越感,源于他用早起挣得了更充足的时间去学习工作。就是这部分时间,使他和别人拉开了差距。他经营的一家咨询公司,取得了骄人的业绩。

ۋېلىنكنىڭ ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى ئۇنىڭ سەھەر تۇرۇپ تېخىمۇ يېتەرلىك بولغان ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ۋاقتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن بولغان. دەل مۇشۇ ۋاقىت ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقىنى چوڭايتقان. ئۇ باشقۇرغان مەسلىھەتچىلىك شىركىتى كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. 

威林克的这种精神还影响了许多美国人,有人在社交网站上自发组成“4点45分俱乐部”早起打卡。 

ۋېلىنكنىڭ بۇ خىل روھى يەنە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارغا تەسىر كۆرسەتكەن، بەزىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ئۆزلۈكىدىن «4 تىن 45 مىنۇت كۇلۇبى» قۇرۇپ، سەھەر تۇرۇپ خاتىرە قالدۇرغان. 


ღ ღ ღ

《增广贤文》有言:“早起三光,迟起三慌。”

«زېڭگۇاڭ خاتىرىلىرى» ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: سەھەر تۇرغاندا ھەممە ئىشىڭىز رەتلىك بولىدۇ، ۋاقچە تۇرغاندا ھەممە ئىشىڭىز قالايمىقان بولىدۇ.»

说的是,早上起床早,有充足的时间把该办的事情办好,光光彩彩。

بۇنىڭدا دېمەكچى بولغىنى، ئەتىگەندە ئورنىدىن بالدۇر تۇرغاندا، بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بولىدۇ، جىسمىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدۇ. 

起床晚容易手忙脚乱,把该办的事情落掉,慌慌张张。

ۋاقچە ئورنىدىن تۇرغاندا ئاسانلا پايپېتەك بولۇپ، بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. 

很多人喜欢熬夜,是因为觉得属于自己的时间太少,白天都在上班,晚上到家八九点,就想着用熬夜来补回属于自己的时间。

نۇرغۇن كىشىلەر يېرىم كېچىگىچە مەشغۇلات قىلىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزىگە تەۋە بولغان ۋاقىت بەك ئازدەك ھېس قىلىدۇ، كۈندۈزى خىزمەت قىلىپ، كەچتە سائەت سەككىز-توققۇزلاردا ئۆيگە كەلگەنلىكتىن، كېچىسى كېيىن ئۇخلاش ئارقىلىق ئۆزىگە تەۋە ۋاقىتنى تولۇقلاشنى ئويلايدۇ. 

其实那是在拿自己的健康做代价,想拥有更多属于自己的时间,早起就够了!

ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى دوغا تىككەنلىك. ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە تەۋە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، سەھەر تۇرسىلا كۇپايە!


ღ ღ ღ

从早起开始,给自己一个改变: 

سەھەر تۇرۇشتىن باشلاپ، ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ:

1. 定一个强有力的目标

بىرىنچى، بىر كۈچلۈك نىشان بېكىتىڭ

叫醒你的是梦想的闹钟,我一个同事为了考人力资源证书,每天早上五点起来看书背资料,八点再准时去上班,因为她晚上回家晚,能利用的时间少,索性挪到了早上。

سىزنى ئويغىتىدىغىنى ئارزۇيىڭىزنىڭ قوڭغۇراقلىق سائىتى بولسۇن، مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىم ئادەم كۈچى بايلىقى گۇۋاھنامىسىغا ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ كىتاب ئوقۇپ، ماتېرىيال يادلايدۇ، سائەت سەككىز بولغاندا دەل ۋاقتىدا ئىشقا بارىدۇ، چۈنكى ئۇ كەچتە ئۆيگە كەچ قايتىدۇ، پايدىلىنىدىغان ۋاقتى ئاز، شۇڭا كىتاب كۆرىدىغان ۋاقىتنى سەھەرگە ئالماشتۇرغان ئىدى. 

2. 早点睡觉

ئىككىنچى، بالدۇرراق ئۇخلاڭ

想要在早上做更多的事情,前提是必须有充足的睡眠,晚上睡得好,早上才起得来。村上春树晚上九点半就睡觉,雷打不动。

ئەتىگەندە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يېتەرلىك ئۇخلاش، كەچتە ياخشى ئۇخلىسىڭىز، ئاندىن سەھەردە ئورنىڭىزدىن تۇرالايسىز. داڭلىق يازغۇچى مۇراكامى ھەركۈنى كەچ سائەت توققۇز يېرىمدا ئۇخلايدىغان بولۇپ، ھېچقانداق نەرسە بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. 

3. 循序渐进

ئۈچىنچى، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەڭ

刚开始早起时切忌用力过猛,一下提前2小时起床,不适应的情况下会让你更疲惫。慢慢来,第一次提前15分钟,第二次25分钟,第三次30分钟……循序渐进就能养成早起的习惯。

دەسلەپتە سەھەر تۇرغاندا بەك كۈچەپ كەتمەسلىك كېرەك، بىراقلا ئىككى سائەت بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇۋالسىڭىز، كۆنەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تېخىمۇ چارچاپ كېتىسىز. ئۇنىڭدىن كۆرە ئاستا-ئاستا كېلىڭ، 1-قېتىمدا 15 مىنۇت بالدۇر تۇرۇڭ، 2-قېتىمدا 25 مىنۇت، 3-قېتىمدا 30 مىنۇت ئالدىغا سۈرۈڭ... تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلىگەندە، بالدۇر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. 

4. 适当给自己奖励

تۆتىنچى، ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق مۇكاپات بېرىڭ

早起,可以用一顿丰盛的早餐犒劳自己,给自己一点仪式感。

سەھەر تۇرغاندا، بىر ۋاق مول ناشتىلىق بىلەن ئۆزىگە زىياپەت بېرىپ، ئۆزىگە ئازراق مۇراسىم تۇيغۇسى بېرىشكە بولىدۇ. 


ღ ღ ღ

一个好习惯只是一根线,但是它串联起的东西,会让人受益终生。

بىر ياخشى ئادەت بىر تال يىپقا ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ باغلىغان نەرسىلەر ئادەمنى بىر ئۆمۈر نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. 

早起,你赚到的是未来的时间,和你一起苏醒的,还有那沉迷已久的斗志。

سەھەر تۇرسىڭىز، كەلگۈسىدىكى ۋاقتىڭىزنى ئۇتالايسىز، يەنە ئۇزۇندىن بېرى ئۇخلاپ قالغان كۈرەش ئىرادىڭىزمۇ سىز بىلەن بىللە ئويغىنىدۇ. 

趁着年轻,趁着还有时间,战胜自己的懒惰,赶紧把未完成的梦想实现。

ياشلىقىڭىزدىن، ۋاقتىڭىز بار چاغلاردىن پايدىلىنىپ ھورۇنلۇقىڭىزنى يېڭىپ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ. 

“可怕”的开挂人生,从你决定早起开始。从今往后,你再也没有理由向困难低头,更没有借口放弃自己。 

ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولىدىغان ھايات سىزنىڭ سەھەر تۇرۇشنى قارار قىلغىنىڭىزدىن باشلىنىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، سىزنىڭ قىيىنچىلىققا باش ئېگىشكە باھانىڭىز يوق، ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە تېخىمۇ باھانىڭىز يوق. 


تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

         مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

         مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: بەك كۈچىگەن ئادەم ئۇزاققا چىدىمايدۇ

 خۇش چىراي مۇئامىلە قىلىش ئەدەپنىڭ جۈملىسىدىندۇر

 خەيرلىك كەچ | ئالتە تۈرلۈك نادىر كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىسى


◇ خەيرلىك كەچ: ئۈلگۈرەلمىدىڭىز ئەمەس، بەلكى بەك ئالدىراپ كەتتىڭىز

◇ خەيرلىك كەچ | ئالتە تۈرلۈك نادىر كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىسى





خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
uyghur.people.com.cn


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章