ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ! دەرھال توختىتىڭلار!

时事   2024-10-13 11:00   北京  

ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ! دەرھال توختىتىڭلار!

 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمىنىڭ بازىسى ۋە قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىكى خادىملارنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمىنىڭ بازىسى ۋە قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمىدىكى خادىملارنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىغا قەستەن ھۇجۇم قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىش خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701-نومۇرلۇق قارارىغا ئېغىر خىلاپ، ئۇنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، جەزمەن دەرھال توختىتىش كېرەك. بىز ۋەقەنى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىمىز. توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەر جەزمەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق خادىملىرى ۋە مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار تەرەپلەرنى، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، توقۇنۇشنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشى، ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章