ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

时事   2024-10-09 09:02   北京  

ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى! بۇ خىل ھۆججەتلەر ساختا!

دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەزەلدىن «شەخسلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش ئىسپاتى»نى تارقىتىپ باقمىدۇق. باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىندا ئامما قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى نامىدا ساختا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى «شەخسىي سانلىق مەلۇمات مۈلكىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش ئىسپاتى» تارقاتتى، «10-ئاينىڭ 15-كۈنى شەخسىي سانلىق مەلۇمات مۈلكىنىڭ قىممىتىنى نەقلەشتۈرۈش ھوقۇقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ «خەلق سانلىق مەلۇمات مۈلۈك ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى دەپ پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ تۈردىكى ھۆججەتلەرنىڭ ساختا، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى راست ئەمەسلىكى، دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنىڭ ئەزەلدىن يۇقىرىقى سىياسەت، ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ باقمىغانلىقى، ئەزەلدىن ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تارقىتىپ باقمىغانلىقى بايقالدى. ئالاقىدار ئورۇنلار، كارخانىلار ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىنى سورايمىز.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章