جۇڭگو لىۋاننى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ
دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى مىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى مەزگىلدە لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى، لىۋاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى پارتلاش ۋە ھاۋا ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى لىۋاننى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، لىۋان تەرەپنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى
نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ
مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى
جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى
ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك