شىنجاڭدا پەۋقۇلئاددە زور ئالتۇن ئوغرىلاش دېلوسى پاش قىلىندى

时事   2024-10-14 18:10   北京  

شۇ كۈنى تورغا چۈشتى! شىنجاڭنىڭ بىر جايىدىكى پەۋقۇلئاددە زور ئالتۇن ئوغرىلاش دېلوسى پاش قىلىندى

10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى بىر پەۋقۇلئاددە زور ئالتۇن ئوغرىلاش دېلوسىنى پاش قىلىپ، ئۈچ سائەتتىلا جىنايەت گۇماندارىنى بېكىتىپ، ئالتە سائەتتە تۇتۇپ، سەككىز سائەتتە قىممىتى 400 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان زاڭ مالنى قولغا چۈشۈردى.

 10-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 9 لاردا، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئالتۇن-كۈمۈش پىششىقلاش دۇكىنىنىڭ دۇكاندارى جاڭ XXدۇكاننىڭ توك سىمىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى، ئوغرىدىن ساقلىنىش دېرىزىسىنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكى ۋە يۆگىمە ئىشىكنىڭ ئېچىلمىغانلىقىدىن دۇكانغا ئوغرى كىرگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

 بۇرچىن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ تەھقىقلىشىچە، شۇ كۈنى سەھەر سائەت 5 تىن باشلاپ، جىنايەت گۇماندارى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۇكاندىكى توك سىمىنى كېسىپ، ئوغرىدىن ساقلىنىش دېرىزىسىنى بۇزۇۋېتىپ، دۇكانغا كىرىپ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى ئوغرىلىغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى يولى بىلەن قېچىپ كەتكەن. جىنايەت گۇماندارى قالپاق، ماسكا، پەلەي تاقىۋالغان بولۇپ، بۇنداق نىقابلىنىش ۋە ئوغرىلىق ۋاسىتىسى خەلق ساقچىلىرىغا ئىلگىرى ئوغرىلىق سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلىنغان «كونا تونۇش»  بيې XXنى ئەسلەتكەن.

 ئۈچ سائەتتىن كېيىن خەلق ساقچىلىرى جىنايەت گۇماندارى بيې XXنى بېكىتىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 10-شى بېيتۈن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن ماسلىشىشى بىلەن، دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئالتە سائەتتە ئۇنى تۇتقان، زاڭ مالنى قولغا چۈشۈرمىگەن.

بيې فامىلىلىك ئوغرىلىق پاكىتىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان، قېرىنداش ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، خەلق ساقچىلىرى بىر قاتار پايدىلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئېرىشىپ، قىممىتى 400 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ئالتۇن زەنجىر، ھالقا، بۇلاپكا قاتارلىق جەمئىي 179 دانە مالنى قولغا چۈشۈرگەن.

 نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى بيې XX نىڭ بۇرچىن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان دېلوسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىلىۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

تيەنئەنمېندە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ ۋۇ باڭگوغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى

گوۋۇيۈەن بىر قىسىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章