ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

时事   2024-10-15 15:01   北京  

ئاساسىي قاتلامنى «كۈچلەندۈرۈش» بىلەن ئورگاننى «ئورۇقلىتىش»نى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەلۇم ئورۇن ئۇزۇن مۇددەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئوقۇتقۇچىلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكەن، ئارىيەت ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۈتۈن ئىدارىدىكى خىزمەتچىلەر سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئاشقان، بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىلگەن ۋاقتى 20 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن.... يېقىندا، مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تىپىك مەسىلىسى جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، كۈچ مەنبەسى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى جەزمەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «بىر قانچە پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ چىقىشتا تۈزۈم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، خالىغانچە ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش، ھەددىدىن زىيادە ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق بىر قاتار قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىستىلدىكى نۇقسانلارنى قەتئىي يوقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «<بىر قانچە بەلگىلىمە>دە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى»، «ئاساسىي قاتلامنى <كۈچلەندۈرۈش> بىلەن ئورگانلارنى <ئورۇقلىتىش> ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلدى» دېدى. بۇ ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ روشەن سىگنالىنى چىقاردى.

نۆۋەتتە، ئاساسىي قاتلامنى «كۈچلەندۈرۈش»تە، بىر تەرەپتىن يېنىكلىتىشكە تېگىشلىك يۈكنى يېنىكلىتىپ، خالىغانچە ئارىيەت ئېلىپ يۆتكەش ۋە ھۆججەت دېڭىزى، يىغىن قاينىمى، مۇرەككەپ باھالاش، ھەددىدىن زىيادە ئىز قالدۇرۇش قاتارلىق جاھىل كېسەللىكلەرگە چىڭ تىكىلىپ، نىشانلىق تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يېنىك قوراللىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تېگىشلىك كاپالەتنى جايىدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىپ، پاراۋانلىق تەمىناتى، ئۆستۈرۈش يوللىرى قاتارلىق ئىلھام بېرىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن زېھنى بىلەن تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاساسىي قاتلامنى «كۈچلەندۈرۈش» بىلەن ئورگاننى «ئورۇقلىتىش»نى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «يۈكىنى يېنىكلىتىش» بىلەن «ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش»نى ئۈنۈملۈك بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىگەندە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.


       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章