ئىچكى موڭغۇلدا بىر باشلىق پارتىيەدىن قوغلاندى

时事   2024-10-08 18:01   北京  

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ زى پارتىيەدىن قوغلاندى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ زىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقىپ تەكشۈرگەن.

 تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دۇزى غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتىن يۈز ئۆرۈپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلاشقان؛ تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، كادىرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تاللاپ ئۆستۈرگەن، ئىشقا قويغان ھەمدە پۇل-مال قوبۇل قىلغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە  پۇل قوبۇل قىلغان؛ چىرىكلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرمەي، يامان تەسىر پەيدا قىلغان؛ نەپسى يامانلىق قىلىپ، ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بېرىش، كۆمۈر بايلىقىنى تەقسىملەش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ھەم قانۇنسىز ھالدا زور سوممىلىق مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان.

 دۇ زى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەن ھەم پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي ئىشلار جازاسى بېرىش قانۇنى» قاتارلىقلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تەتقىق قىلىش ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا سۇنۇپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، دۇزىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئۇ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىنات بەلگىلىمە بويىچە بىكار قىلىندى؛ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، چېتىشلىق مال-مۈلكىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章