شىنجاڭ بۆلىكىدە يۇقىرى نۇقتىدىن %10.58 ئېچىلدى

时事   2024-10-09 21:30   北京  

شىنجاڭ بۆلىكىدە يۇقىرى نۇقتىدىن 10.58 ئېچىلدى

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى سودا كۈنىدە، Aپاي چېكى بازىرىنىڭ ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىدى. دۇڭفاڭ سەيفۇ تورىنىڭ بازار ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ دەسلەپكى باھاسى 1749.49 نۇقتا ئۆرلەپ، يۇقىرى نۇقتىدىن 10.58 ئېچىلىپ، 18285.24 نۇقتا مەلۇم قىلىنغان.

سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، شىنجاڭ بۆلىكىدىكى 60 پاي چېكى پۈتۈن لىنىيە بويىچە جانلىنىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 15 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئۆسۈش  نىسبىتى جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان پاي چېكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنيەن پاي چېكى (300159)نىڭ 14.81، داچۈەن ئېنېرگىيەسى ( 688303)نىڭ 15.12، شىلىڭ ئۇچۇرى (300588)نىڭ 13.60 بولغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى شاڭخەي ئاكسىيە ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 10.13 ئۆرلىگەن، شېنجېن ئاكسىيە سودا بازىرىدىكى ئۈلۈش پاي كۆرسەتكۈچى % 12.67 ئۆرلىگەن، ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى كۆرسەتكۈچى % 18.44 ئۆرلىگەن، 1000 دىن ئارتۇق پاي % 19تىن كۆپرەك ئۆرلىگەن. تىجارەت باشلانغاندىن كېيىنكى پەقەت 20 مىنۇتتىلا، شاڭخەي بىلەن شېنجېن ئىككى شەھەرنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى بىر تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىختىكى ئەڭ تېز بولغان تىرىليون يۈەنلىك رېكورت يېڭىلانغان.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ھۆكۈمەت تەرەپ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بەردى

نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى: باھا تۆۋەنلىتىلىدۇ

مەنئى قىلىنغان يەتتە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قولغا چۈشۈرۈلدى

جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتى كېڭىشىشى ئۆتكۈزدى

ئاممىۋى ياتاقلارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىشنى قاتتىق تۈزەش كېرەك

كۆپ خىل مىللەت چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلانغان «مەن ۋە ۋەتىنىم»

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章