داۋالىنىش خىراجىتىنى چىقىم قىلىش جەريانىدا «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش»(医保统筹支付)، «شەخسلەر ئۆزى چىقىم قىلىش»(个人自付)، «شەخسلەر ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش»(个人自费) دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئۇنداقتا بۇ ئۈچ ئۇقۇمنىڭ قانداق پەرقى بار؟ قانداق ئىشلىتىمىز؟ بۈگۈن دوستلارغا بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىمىز.
داۋالىنىش ئومۇمىي خىراجىتى __ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش + شەخسلەر ئۆزى چىقىم قىلىش + شەخسلەر ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش دېگەن نېمە؟
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش دېگىنىمىز، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى دائىرىسىگە كىرىدىغان، بەلگىلىمە بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىنىدىغان داۋالىنىش خىراجىتىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بىۋاستە ئاتچوت قىلىنىدىغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا شەخسلەر ئۆزى پۇل تۆلەش ھاجەتسىز. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنىڭ دائىرىسى داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرى، دورا، خورىما ماتېرىياللاردىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ مۇندەرىجە»نى كۆرسىتىدۇ.
ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش ئاساسىي چىقىم قىلىش ۋە كۆپ سوممىلىق چىقىم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش ئاساسىي چىقىم قىلىش ۋە ئېغىر كېسەل بويىچە چىقىم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىشنى ئىشلىتىشتە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايوننىڭ دەسلەپكى چىقىم چېكى ئۆلچىمىگە يېتىش كېرەك. كونكرېت ئۆلچەم قاتناشقان داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تۈرى (ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياكى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى) ھەمدە دوختۇرخانا دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ.
شەخسلەر ئۆزى چىقىم قىلىش دېگەن نېمە؟
شەخسلەر ئۆزى چىقىم قىلىش دېگىنىمىز، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى دائىرىسىدە شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىغان داۋالىنىش خىراجىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەسلەپكى چىقىم چېكىگە يەتمىگەن قىسمى، Bتۈردە ئالدىن چىقىم قىلىش، نىسبەت بويىچە ئۆزى چىقىم قىلىش، يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى، مۇندەرىجە دائىرىسىدىكى باھاسى ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ خىراجەتنى ئالدى بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىدىكى قالدۇق سوممىدىن چىقىم قىلىپ، يەتمىگەن قىسمىنى نەق پۇل قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تۆلىسە بولىدۇ.
شەخسلەر ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش دېگەن نېمە؟
شەخسلەر ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش دېگىنىمىز، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان دورا، داۋالاش تۈرى قاتارلىقلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئاددىي ئېيتقاندا: «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىرتۇتاش غەملىمە فوندتىن چىقىم قىلىش» بىلەن «شەخسلەر ئۆزى چىقىم قىلىش» __ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرىدىغان تۈرلەرگە قارىتىلغان؛
«شەخسلەر ئۆزى چىقىم قىلىش» __ شۇ قېتىملىق راسچوتتا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىدىكى شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ؛
«شەخسلەر ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىش» __ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان، پۈتۈن چىقىمنى شەخسلەر ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنى كۆرسىتىدۇ.
来源:974交通广播
翻译:古丽加玛丽
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江