ئىشلارغا ئ‍وخشىمىغان نۇقتىدىن قارىيالىساق

文摘   2024-12-22 22:00   新疆  

  ئىشلارغا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قارىيالىساق، جاھاننىڭ ئاجايىپ كەڭلىكىنى ھېس قىلىمىز

  ئەگەر سىز قىيىن مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، ۋاقىتنى ئالماشتۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىڭ: ئون يىل ئىلگىرى، سىز ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان قىيىن ئىش ھازىر راستىنلا قىيىنمۇ؟

 شۇنداق، شۇنى بايقايسىزكى، ئىلگىرى سىز قالتىس دەپ قارىغان ئىشلار بۈگۈنكى كۈندە ھېچقانچە چوڭ ئىشلار بولماسلىقى مۇمكىن.

قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىڭىز، يىراققا نەزەر سېلىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ بىقىڭ. كۆز ئالدىڭىزدىكى قىيىن ئۆتكەللەرنىڭ ھەممىسى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئاساسى. شۇڭا تەشۋىشلەنمەي، قايغۇرماي، باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، ئۆزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرسىڭىز، مەسىلە چوقۇم ھەل بولىدۇ.

كۆپ ھاللاردا قارىماققا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلىلەرنى باشقا بىر نۇقتىدىن، باشقا بىر يۆنىلىشكە بۇرىساق، بەلكىم ئاسانلا ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. كۆز ئالدىڭىزدىكى يولدىن ئۆتەلمىسىڭىز، بەلكىم كەينىڭىزگە بۇرۇلغىنىڭىزدا ئۇنىڭدىنمۇ داغدام يولغا چىقىپ قېلىشىڭىز بولىشى مۇمكىن.

ئىشلارغا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قارىيالىساق، جاھاننىڭ ئاجايىپ كەڭلىكىنى ھېس قىلىمىز.

تۇرمۇش داۋالغۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى، روھىي-ھالىتىمىزنى تەڭشەشنى بىلىشىمىز لازىم.

مەسىلىگە باشقا نۇقتىدىن قارىغاندا، تېخىمۇ قەيسەر، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئۆزىڭىزگە ئېرىشەلەيسىز؛ مەسىلىگە باشقا نۇقتىدىن قارىغاندا، تېخىمۇ ئۈمىدۋار، تېخىمۇ مول ئۆزىڭىزگە ئېرىشەلەيسىز؛ مەسىلىگە باشقا روھىي ھالەت بىلەن قارىسىڭىز، تېخىمۇ كەڭ قورساق، تېخىمۇ بەختلىك ئۆزىڭىزگە ئېرىشەلەيسىز.ئىشلارغا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قارىيالىساق، جاھاننىڭ ئاجايىپ كەڭلىكىنى ھېس قىلىمىز.

      来源:石榴云

      翻译再依努热

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章