گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش، ئاپتوموبىل ۋە پىراۋىغا ئائىت كەسىپلەرگە قارىتا ھەق تاپشۇرۇش ۋە قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جەرىمانىسىنى تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ باجدىن باشقا سىستېمىسى يىل ئاخىرىدا ھېسابات ئۈزىدىغانلىقتىن، 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 22 دىن باشلاپ، ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سۇپىسى، قاتناش باشقۇرۇش 12123 ئەپ دېتالىدىكى ۋىيشىن، چىقىمدان، بانكا بىرلەشمە ھەق تاپشۇرۇش يوللىرى مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ. 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 22 دىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 24 كىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى، بانكا مۇلازىمەت نۇقتىلىرى ھەمدە ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سۇپىسى، قاتناش باشقۇرۇش 12123 ئەپ دېتالى قاتارلىق بارلىق تور ۋە تور سىرتىدىكى يوللار ئارقىلىق قاتناش باشقۇرۇش ئاپتوموبىل ۋە پىراۋىغا ئائىت كەسىپلەرگە قارىتا ھەق تاپشۇرۇش كەسپى ۋە قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جەرىمانىسىنى تاپشۇرۇش كەسپىنى بىجىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ.
قوللىغىنىڭىز ۋە چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى
2024- يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى
来源:乌鲁木齐晚报
翻译:马依拉
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江