باھار بايرىمىلىق
ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىش باشلاندى
2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قالدى. توردىكى بېلەت زاكاز قىلىش سۇپىلىرىدا باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىش باشلاندى. ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى قاچان؟ قايسى ساياھەت شەھەرلىرى ئەڭ ئالقىشلىنىۋاتىدۇ؟
توردا بېلەت زاكاز قىلىش سۇپىلىرىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى (1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە) دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ ئالدىن زاكاز قىلىنىش مىقدارى 3 مىليون 640 مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ كۈننىڭ ئايروپىلان بېلىتى ئەڭ كۆپ زاكاز قىلىنغان.
چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ھەرقايسى جايلاردىن خەيكوۋ، سەنيا، شىشۇاڭبەننا، كۇنمىڭ ۋە خاربىن قاتارلىق شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ بېلىتى كۆپ سېتىلىدىكەن.
توردا بېلەت زاكاز قىلىش سۇپىلىرىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قار-مۇز ساياھىتى ۋە ئارال ساياھىتى يەنىلا بۇ يىل قىش پەسلىدىكى ئەڭ ئالقىشلانغان ساياھەت باش تېمىسى بولۇپ، ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆسكەن. بۇلتۇر قىشتا ئەڭ ئالقىشلانغان خاربىن شەھىرى بۇ يىللىق قار-مۇز ساياھىتىدىكى ئالقىشلىق شەھەرلەر ئىچىدە داۋاملىق 1-ئورۇندا تۇرغان. بېيجىڭ، چاڭبەيشەن، ئالتاي، جاڭجياكوۋ قاتارلىق جايلارنىڭ ئالقىشلىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان. يەنبيەن، ئۈرۈمچى، چىچىخار، ئابا ۋە جىلىن شەھىرىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئۇنداقتا، باھار بايرىمىلىق ئايروپىلان بېلىتىنى زادى قاچان زاكاز قىلساق مۇۋاپىق؟ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىش ئەمدىلا باشلانغاندا، زاكاز قىلىش مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بېلەت زاكاز قىلىش مىقدارى كۈنسايىن ئاشىدۇ. شۇڭا، بۇ يىل 12-ئاي باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىشنىڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قىسمەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ بېلىتى قىس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن كېيىن باھار بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنىنىڭ پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلايدۇ، پويىز بېلىتى سېتىۋالالمىغان قىسمەن يولۇچىلار ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئايروپىلان بېلىتى باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش ئېھتىماللىقى بار.
来源:974交通广播
翻译:古丽加玛丽
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江