يېڭى ئۇچۇر

文摘   2025-01-06 19:00   新疆  

يېڭى ئۇچۇر

1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك لىياڭجۇڭ ئاممىۋى قاتناش بېكىتىدە، BRT ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىنىڭ 71-لىنىيەسىنى ساقلاۋاتقان شەھەر ئاھالىسى لى خاۋرەن بىر يېشىل رەڭلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ ئاستا-ئاستا بېكەتكە كىرگەنلىكىنى كۆردى. لى خاۋرەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « ئىككى كۈندىن بۇيان خەۋەر كۆرىۋاتىمەن، شەھىرىمىزنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرى يېڭىلىنىپتۇ، BRT مۇ يېڭىلىنىپتۇ، بەك خۇشال بولدۇم».

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ شەھەر تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرى كەينى-كەينىدىن يولغا چىقتى. 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، BRT ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ 71-لىنىيەسىدە بەش يېڭى ئاپتوبۇس ئالماشتۇرۇلۇپلا قالماي، BRT ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ 7-لىنىيەسىدىمۇ يېڭىدىن بەش ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئالماشتۇرۇلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى شەھەر تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي خەيلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«نۆۋەتتە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن يېڭى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەممىسى «جۇڭتۇڭ» ماركىلىق ساپ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئاپتوبۇس گەۋدىسى سۇس يېشىل رەڭدە سىرلىنىپ، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش لايىھە ئىدىيەسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئاپتوبۇسنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر، چىقىش ۋە چۈشۈش ئېغىزى تۆۋەن، شەھەر ئاھالىلىرىگە قولاي قىلىپ لايىھىلەنگەن، سائىتىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 69 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ».

مۇخبىر بۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇستا جەمئىي 29 ئورۇن بارلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتىنىڭ ياشانغانلار مەخسۇس ئورنى ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىگە يۇمشاق قاپلىق خۇرۇم ئورۇندۇق سەپلەنگەنلىكىنى، ئورۇندۇق يۈزى ۋە يۆلەنچۈكىگە يۇمشاق سېلىنچا سېلىنغاچقا بەك راھەتلىگىنى كۆردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىل ئىچىگە كۈمۈش رەڭلىك ئاليۇمىن قېتىشمىلىق تۇتقۇچ، قارا رەڭلىك رېزىنكە سوغۇقتىن ساقلىنىش قېپى، يەنە سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى LED ئېكرانى تەسىس قىلىنغان، بۇ ئېكران كېيىنكى بېكەت ۋە بېكەتكە كىرىش ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرىكەن. يەنە يۈك-تاق جازىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئېغىرراق يۈك-تاق ئېلىپ ماڭغان يولۇچىلار بۇنىڭدىن ئەپلىك پايدىلىنالايدىكەن. ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدا يەنە توك قاچىلاش ئېغىزى تەسىس قىلىنغاچقا، يولۇچىلار خالىغان ۋاقىتتا يانتېلىفۇنىغا توك قاچىلىيالايدىكەن. 

ھازىر BRT ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ 7- ۋە 71-لىنىيەسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇسلار بۇ كارخانا يېڭىدىن سېتىۋالغان ساپ توكلۇق 150 ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ بىر قىسمى ئىكەن، كېيىن باشقا لىنىيەلەردە داۋاملىق يېڭى ئاپتوبۇسلار ئالماشتۇرۇلىدىكەن.


:949交通广播

 翻译热西旦

编辑:帕夏古丽

一审:阿依古丽,热依汗古丽

 二审:穆拉地力

三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章