تۇنجى ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى تىجارەت باشلىدى

文摘   2024-12-30 19:00   新疆  

داۋانچىڭ رايۇنىدىكى تۇنجى ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى تىجارەت باشلىدى

12-ئاينىڭ 25-كۈنى، داۋانچىڭ رايونى داۋانچىڭ بازىرىدىكى كونا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى - ئۆي ئاپتوموبىلى توختىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئاممىۋى ئۆي ئاپتوموبىل لاگىرىغا ئۆزگەرتىلدى، بۇ داۋانچىڭ رايونىدىكى تۇنجى ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى  ھېساپلىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ داۋانچىڭ رايونلۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئۆي ئاپتوموبىل لاگىرى قۇرۇلۇشى بۇ يىل 6-ئايدا باشلانغان، كونا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى يېڭىلاپ قايتىدىن سالغاندىن كېيىنكى بىكار قالغان كونا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئۆي ئاپتوموبىل لاگىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ لاگىرغا 70 نەچچە كىچىك ئاپتوموبىل ۋە 30 ئۆي ئاپتوموبىلى بىرلا ۋاقىتتا توختىيالايدۇ.

ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى تىجارەتچىسى گوشىنجيەن مۇنداق دېدى:«نۆۋەتتە، ئۆزى ئاپتوموبىلى ھەيدەپ ساياھەت قىلىش كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىغان ساياھەت شەكلىگە ئايلاندى. ئۆي ئاپتوموبىلى ئىجارىگە ئېلىپ ساياھەت قىلىشمۇ بىرخىل مودا ئېقىم بولۇپ قالدى. ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھەتچىلەرنى مېھمانساراي شەكلىدىكى ياتاق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالىغانلىقى ئۈچۈن، بارغانسېرى ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. 

ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى قۇرۇشتا كەڭ بوشلۇقتىن پايدىلاندۇق، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرىدا سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى تولۇق، يەنە ئاپتوموبىل يۇيۇش ئۆيى، تازىلىق ئۆيى ۋە مۇنچا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرمۇ تولۇق سەپلەنگەن. لاگىر ئەتراپىدا داۋانچىڭ رايونىنىڭ ئۆزگىچە دادۇرلىرى، لازىجى، قېتىق قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار بار. بۇ دۇكانلار ئۆي ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنى داۋانچىڭ رايونىنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆي ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرىنىڭ قولايلىق ھەم راھەتلىك ھېس-تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. لاگىرنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزى دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنىڭ يېنىدا بولغاچقا، سەپەرگە چىقىشمۇ ناھايىتى قولايلىق».

ئاپتونۇم رايونىمىز مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»بەرپا قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شەھەرلىك پارتىيە كومېتىتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك 11-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەھىرىمىزنىڭ ئۆزگىچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2-كەسىپنى كۈچەيتىپ، 3-كەسىپنى سەرخىللاشتۇرۇپ، 1-كەسىپنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

داۋانچىڭ رايونى ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گويۇڭجياڭ مۇنداق دېدى:« ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى داۋانچىڭ رايونى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى يارقىن نوقتا. بۇ ئۆي ئاپتوموبىل لاگىرى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ مول ۋە قولايلىق ساياھەت مۇلازىمەت شەكلى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ساياھەتچىلىكنىڭ كۆپ خىللاشقان مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىپ، داۋانچىڭ رايۇنىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

     来源:974交通广播

      翻译:热西旦

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章