مىننەتدارلىققا تولغان قەلب ئەڭ گۈزەل

文摘   2025-01-04 22:00   新疆  

مىننەتدارلىققا تولغان قەلب ئەڭ گۈزەل

  مىننەتدارلىققا تولغان قەلب - ئەڭ گۈزەل  قەلب بولۇپ ،  مەڭگۈ ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتالايدۇ، ھېچكىمنى ئەيىبلىمەيدۇ ھەم ھېچكىمدىن ئاغرىنمايدۇ. كىشىلەر دائىم «مىننەتدار بولۇشنى بىلىش- بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئەقەلليي ھېسسىيات بۆلۈنمىسى» دېيىشىدۇ. مىننەتدارلىقنى بىلىدىغانلار تەسىرلەنگەندە رەھمەت ئېيتىدۇ، ياردەمگە ئېرىشكەندە بولسا، ياردەم قىلغانلارنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، پۇرسىتى كەلسە پۈتۈن كۈچى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ، ئادەملەر ياخشىلىقنى مانا مۇشۇنداق بىر-بىرىگە تارقىتىپ، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ. دوستۇم، قېنى ئېيتىڭە، سىزنىڭمۇ مىننەتدار بولىدىغان ئادىمىڭىز بارمۇ؟ 

1. ئاتا-ئانىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ:

ئەگەر ئاتا-ئانىڭىزدىن نېمىشقا مىننەتدار بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ئاچچىق تولغاق ئازابىدا قىينىلىپ تۇغۇش، تۇغۇتتىن كېيىن شېرىن ئۇيقۇلىرىدىن كېچىپ كۆڭۈل قويۇپ بېقىش، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىش تەربىيەلەش، ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا سىزنىڭ غېمىڭىزنى يەپ، بىر ئۆمۈر ئاسراش، ئەنسىرەش ۋە خاتىرجەم بولالماسلىق.....مانا مۇشۇلار سىزنىڭ ئۇلاردىن بىر ئۆمۈر مىننەتدار بولىشىڭىزغا يەتمەمدۇ؟

بالا بولغۇچى ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئۇلۇغ بىلىپ، ئۇلار ھايات ۋاقتىدا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى، مۇھەببىتىنى، مىننەتدارلىقىنى كۆپرەك ئىپادىلىشى كېرەك.

2. ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ:

بۇ دۇنيادا پۈتۈنلەي ماس كېلىدىغان ئىككى ئادەمنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇزۇن مەزگىل بىللە ئۆتكەنلەر ئۆز-ئارا ماسلىشىش ۋە كەڭ قورساقلىق ئىچىدە، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ كۈچلۈك يادروسىغا ئايلىنىدۇ.

شۇنچە چوڭ دۇنيادا شۇنداق بىرىنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا كىرىشى، كەمچىللىكلىرىڭىزنى كۆڭلىگە سىغدۇرۇشى، كەيپىياتىڭىزنى چۈشىنىشى، بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىشى، قارارىڭىزنى قوللىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە ھەمراھ بولۇشى، ھاياتىڭىزنى ئۆزگىچە مەنالارغا تويۇندۇرۇشى تولىمۇ تەس. سىلەر ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن كىچىك ئىشلاردا مەسلىھەتلىشىسىلەر، چوڭ ئىشلارنى تەڭ ئۈستۈڭلارغا ئالىسىلەر، كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىڭلارغا تەڭ مەسئۇل بولىسىلەر، شۇنداق قىلىپ بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلماي مەڭگۈ بىللە ياشايسىلەر. 

ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم رەھمەت سىزگە، ماڭا خاتىرجەم تۇرمۇش بېرىپ، مېنى بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرغىنىڭىزغا، مەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۇزۇن يىللارنى بىللە ئۆتكۈزگىنىڭىزگە رەھمەت.

3. بالىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ: 

دۇنيادا نەدىمۇ مۇكەممەل ئاتا-ئانا، مۇكەممەل بالا بولسۇن؟ ئاتا-ئانىنىڭ بالا بېقىش جەريانىدا پەيدا بولغان ئاشۇ چۇس، سوغۇق مىجەزى، تەنبىھلىرى، تاقەتسىزلىكى، ئەجەبا ئۇلار سەۋەپسىزلا مۇشۇنداق بولۇپ قالغانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن. لېكىن بالىڭىزنىڭ سىزنى چۈشىنىشى تولىمۇ تەس، ئۇلار ئەشۇ سەبىي قەلبى ۋە شۇخلۇقى بىلەن سىزنىڭ قانچىلىك زور بەدەللەرنى تۆلەۋاتقىنىڭىزنى قانداقمۇ چۈشەنسۇن، ئەشۇ سەبىي بالىڭىزنى توغرا چۈشىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇڭ. 

رەھمەت بالام، ماڭا بالا بولۇپ مېنى ئانا بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتۈرگىنىڭگە، تۇرمۇشۇمغا نۇرغۇن مەنالارنى قوشقىنىڭغا كۆپ رەھمەت.

4. دوستىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ: 

كۆڭۈلدىكىدەك دوستلۇقنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولىدۇ: مەسىلەن، كىچىك ۋاقىتىڭىزدا تونۇشۇپ قالغاندىن باشلاپ مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاش، ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈش، ئەمما خالىغانچە كۆرسەتمە بەرمەسلىك، بىر-بىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى قارشى تەرەپكە نامايان قىلىشنى خالاش، قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى قالتىس كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماسلىق، ئاغزىدا كوتۇلدىسىمۇ، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا بىرىنچى بولۇپ ياردەم قىلىش ...

كىشىلىك تۇرمۇشتا بىر-بىرىنى چۈشىنىش ھەقىقەتەن تەس، ھەقىقىي بىر دوستقا ئىگە بولۇشمۇ ئوخشاش. 

رەھمەت دوستۇم، سېنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇپ تەڭ يىغلىغىنىڭغا، تەڭ كۈلگىنىڭگە، مېنى يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمىغىنىڭغا  رەھمەت.

5. ئۆزىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ: 

ئۆزىڭىزگە قانداقمۇ رەھمەت ئېيتماي تۇرالايسىز؟ 

رەھمەت ئۆزۈم، «ئارزۇ»لىرىم ئۈچۈن تىرىشقانلىرىمغا، «مۇمكىنچىلىك» ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغىنىمغا، ئاخرىغىچە چىڭ تۇرغانلىقىمغا، بارلىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە جۈرئەت قىلغانلىقىمغا، يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن قايتىدىن دەس تۇرغانلىقىمغا، ئاخىرىغىچە ۋاز كەچمىگەنلىكىمگە، قەدەممۇ-قەدەم تىرىشىپ بۈگۈنكى ئۆزۈمگە ئايلانغانلىقىمغا، كەلگۈسىگە چەكسىز ئۈمىد باغلىغانلىقىمغا رەھمەت. 

سېنى سۆيىمەن ئۆزۈم، سەندىن چەكسىز مىننەتدارمەن. 

يازغۇچى لىن چىڭشۈەن بىر ئەسىرىدە مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى يازغان ئىكەن:«ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش نۇرىنى، خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان گۈللەرنى كۆرگىنىمدە بۇ دۇنيانىڭ تولىمۇ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ ئۆزۈمنى بەخىتنىڭ قوينىغا ئاتتىم. ئەسلىدە بەخت دېگەن پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇش ئەمەس، بەلكى قەلبنىڭ مەلۇم بىر بۇرجىكىنى ئېچىش ئىكەن».

مىننەتدارلىققا تولغان قەلب - ئەڭ گۈزەل قەلب، مىننەتدارلىققا تولغان قەلب مەڭگۈ ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتالايدۇ، ھېچكىمنى ئەيىبلىمەيدۇ ھەم ھېچكىمدىن ئاغرىنمايدۇ. سىز قەلبىڭىزنى مىننەتدارلىققا تولدۇرۇپ، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچكە ئىگە بولسىڭىز، ئارزۇيىڭىزدىكى ھەممە نەرسىگە بارغانسېرى يېقىنلىشالايسىز، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان كەلگۈسىنى كۆرەلەيسىز. 


来源:石榴云

翻译热西旦

编辑:帕夏古丽

一审:阿依古丽,热依汗古丽

 二审:穆拉地力

三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章