ئۈرۈمچىنىڭ باغچىلىرىدىكى قار -مۇز شاتلىقى مەيدانلىرى ئارقا - ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى
يىقىندا ، خەلق باغچىسىدا شەھەر ئاھالىسى ليۇ زۇڭدې مۇنداق دېدى: بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى، مۇز تېيىلىشقا بەك ماس كېلىدىكەن. مەن مۇز تېيىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.
خەلق باغچىسىنىڭ مەسئۇلى رېن شيۇليەن مۇنداق دېدى:باغچىدا مۇز تېيىلىشتىن باشقا يەنە قار چەمبىرىكى، قارلىق ئاپتوموبىل، قارلىق دالا موتسىكلىتى، قارلىق دالا تراكتورى قاتارلىق 11 تۈرلۈك قار - مۇز تۈرىنى يولغا قويدۇق، قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلسىلا، ئوينىغىلى كېلىدىغان كىچىك دوستلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ .
ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسى مەيدانىنىڭ مەسئۇلى چېن ئېرچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇز تېيىلىش مەيدانىدا سەككىز قار مۇز تۈرى بار، يېڭى يىل ياكى باھار بايرىمى مەزگىلىدە، قار مۇز تۈرى يۈرۈشلۈك بېلىتى چىقىرىلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈك باغچىسى مەسئۇلى ما جۈنتاۋ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈك باغچىسى قار ـ مۇز مەيدانى يېقىندا تىجارەت باشلىدى، قار ـ مۇز باغچىسىدا 40 نەچچە ساياھەت تۈرى بار بۇلۇپ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ يىل 5000 كىۋادرات مېتىرلىق مېڭچۇڭ شادلىق باغچىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، قار ـ مۇز دۇنياسى تۈرىنى بېيىتتۇق .
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان قار ـ مۇز باغچىسى، خۇڭگۇاڭشەن قار ـ مۇز باغچىسىمۇ يېقىندا تىجارەت باشلىغان بۇلۇپ، قار ـ مۇز باغچىسى مۇز ئۈستى ئاپتوموبىلى، مۇز ئۈستىدە پىرقىرىغۇچ ئويناش، مۇز ئۈستى سىيرىلما تاختا ئاپتوموبىلى قاتارلىق 16 قار - مۇز تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. نۆۋەتتە، نەنخۇ مەيدانىمۇ 12ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تىجارەت باشلاش مۆلچەرلەنمەكتە.
来源:乌鲁木齐晚报
翻译:再依努热
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江