ئاپتوموبىل باشقۇرۇشقا ئائىت بۇ كەسىپلەرنى نورمال بېجىرەلەيسىز

文摘   2024-12-31 09:40   新疆  

 يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتوموبىل باشقۇرۇشقا ئائىت بۇ كەسىپلەرنى نورمال بېجىرەلەيسىز

شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتوموبىل باشقۇرۇشقا ئائىت كەسىپلەرنى بېجىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى قىسمەن مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى نورمال بېجىرىدۇ، دەم ئالمايدۇ.  

گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ بايرام مەزگىلىدە ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپلىرىنى بېجىرىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى قىسمەن ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇش كەسپىنى «دەم ئالماي بېجىرىش» مۇلازىمىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى) قىسمەن ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇش كەسپىنى نورمال بېجىرىدۇ.

نەق مەيداندا بېجىرىش: 

بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى كازىۋەن ئىش بېجىرىش رايونى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك  سەككىز ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى تارقىتىش، تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش بەلگىسى ئېلىش، مۇددىتى توشقاندا كىنىشكا ئالماشتۇرۇش كەسپىنى نورمال بېجىرىدۇ.

بېجىرىش ۋاقتى: 

2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دىن 13:00 گىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 دىن 17:00 گىچە

ئېلىپ بارىدىغان ماتېرىياللار: 

ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بېجىرىش:

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش لاياقەتنامىسى (ياكى مال ئىمپورت قىلىش ئىسپاتى)، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدىكى قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ياكى ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا تالونى (تورلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش )، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى.

تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىشتا

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدىكى قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ياكى ئېلېكتىرونلۇق سۇغۇرتا تالونى ، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە تامغا بېسىلغان ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مۇددىتى توشۇپ كەتكەن پىراۋىنى ئالماشتۇرۇش:

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، پراۋىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ سالامەتلىك ئىسپاتى، يېقىندا چۈشكەن يالاڭباش بىر سۇڭلۇق ئاق تەگلىك رەسىمدىن ئۈچ پارچە.

توردا بېجىرىش: 

يېڭى يىل مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرى يانتېلېفون قاتناش باشقۇرۇش 12123 ئەپ دېتالى ئارقىلىق نومۇر تاختىسىنى تولۇقلاپ- ئالماشتۇرۇش، پىراۋىنى تولۇقلاپ- ئالماشتۇرۇش، تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىش، تولۇق نومۇر بىلەن ئۆگىنىش قاتارلىق كەسىپلەرنى نورمال بېجىرەلەيدۇ.

     来源:乌鲁木齐交警

      翻译:热西旦

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章