ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ يىللىق تەكشۈرتۈشنى ئالدىن كېلىشەلەيسىز

文摘   2024-12-23 19:01   新疆  

 ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا  توردا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىللىق تەكشۈرتۈشنى ئالدىن كېلىشەلەيسىز  

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، شەھەر بويىچە 46 ئورۇندىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قاتناش باشقۇرۇش 12123 يانتېلېفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدىكەن. ئۇنداقتا،  قانداق قىلغاندا ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا يىللىق تەكشۈرۈشنى ئالدىن كېلىشكىلى بولىدۇ؟

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ خەيتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:  ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرتۈشكە  كېلىدىغان شوپۇرلار قاتناش باشقۇرۇش 12123 يانتېلېفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا ئالدىن كېلىشەلەيدۇ، قولايلىق ھەم تېز، ئۆچرەتتە تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

ليۇ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، قاتناش باشقۇرۇش 12123 يانتېلېفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق پۈتۈن شەھەردىكى 46 ئورۇندىكى موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈشنى ئالدىن كېلىشكىلى بولىدۇ.   باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى باسقۇچ: شوپۇر دوستلار قاتناش باشقۇرۇش 12123 ئەپ دېتالى سىستېمىنىڭ باش بېتىگە كىرىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى تەكشۈرۈشنى «ئالدىن كېلىشىش» نى چېكىمىز.

ئىككىنچى باسقۇچ: موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن كېلىشىش بېتىگە كىرىمىز، ئالدىن كېلىشىپ تەكشۈرتۈشكە تېگىشلىك ئاپتوموبىللارنى تاللاپ، «سۈرۈشتۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

ئۈچىنچى باسقۇچ : ئاپتوموبىل تۇرۇشلۇق شەھەرنى تاللايمىز.

تۆتىنچى باسقۇچ: ئالاقىدار ئاپتوموبىل ئۇچۇرلىرىنى تاللايمىز ھەمدە تاللىغان ئاپتوموبىل ئۇچۇرىدا خاتالىق بار يوقلۇقىنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، «كېيىنكى قەدەمدىكى كۇنۇپكا» نى چېكىمىز.

بەشىنچى باسقۇچ: موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن كېلىشىش بېتىدە موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى تاللاپ، «كېيىنكى قەدەمدىكى كۇنۇپكا» نى چىكىمىز.

ئالتىنچى باسقۇچ : شوپۇر دوستلار ئۆزىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئالدىن كېلىشىش ۋاقتىنى تاللاپ،  ئاندىن«كېيىنكى قەدەمدىكى كۇنۇپكا» نى چىكىمىز.

  ئەڭ ئاخىرىدا ئالدىن كېلىشىش ئۇچۇرىنى جەزىملەشتۈرۈپ،  توغرا دەلىللەش نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، جەزىملەشتۈرۈشنى چەكسىە ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.

ليۇ خەيتاۋ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يىللىق تەكشۈرۈشكە ئالدىن كېلىشىشتە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: ئىلتىماس قىلغۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى تەكشۈرۈش كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ بارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشى ۋە قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇشى كېرەك.


     来源:974交通广播

       翻译:再依努热

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章