شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ساغلاملىق ئەسكەرتىشى
قىش كىرگەندىن بۇيان تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، سۇ چېچىكى كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىلگە كىردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) ساغلاملىق ئەسكەرتىشىنى ئېلان قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سۇ چېچىكى-بەلباغسىمان قوقاق ۋېرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل ئىكەن. سۇ چېچىكى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، دەسلەپتە تۆۋەن قىزىتما، ماغدۇرسىزلىنىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن، كېيىنكى مەزگىلدە تېرىدە «چېچەكسىمان قاپارتما» ئۆرلەپ، بارا-بارا قىزىل رەڭلىك ئەسۋەدىن مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇلۇق قاپارتمىغا ئۆزگىرىدىكەن، يەنە ئەتراپى قىزىرىپ، قىچىشىدىكەن. ئەسۋەلەر ئاۋۋال گەۋدە قىسمىغا مەركەزلىشىپ، ئاندىن بارا-بارا يۈز قىسمى، پۇت-قوللارغىچە كېڭىيىدىكەن.
ئۇنداقتا، سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟
سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەش-سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، ئادەتتە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى بويىچە ئىككى قېتىم سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئادەتتە بىرىنچى قېتىملىقى بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە بولغان ۋاقىتتا ئەملىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ۋاقىتتا ئەملىنىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىشى:
سۇ چېچىكىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ھامان، يۇقۇملانغانلار چوقۇم ئائىلىدە ئايرىۋېتىلىشى، ئايرىۋېتىش مەزگىلىدە، يۇقۇملانغانلار باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئىمكانقەدەر ئۆي ئايرىپ تۇرۇشى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى، ئۆي ئىچىدە ماسكا تاقىشى، پەلەي كىيىشى، ئۇچراشقاندىن كېيىن قولىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىشى، ئائىلىدە «گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش» تىن ساقلىنىشى كېرەك.
来源:974交通广播
翻译:热西旦
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江