بۇ پىيادىلەر يولىدىكى توساقلار قاچان ئېلىۋېتىلىدۇ
مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى لىيۈشەن شىمالىي يولى تۆۋەنكى باجياخۇ يولىغا بېرىپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن تۆت مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر كېلىدىغان يېشىل رەڭلىك قورشاۋ تامنىڭ پىيادىلەر يولىنى ئورىۋالغانلىقىنى، قورشاۋ ئىچىدە بىر ئېرىق بارلىقىنى، ئېرىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 1.5 مېتىر كېلىدىغانلىقىنى، بۇ ئېرىقنىڭ ئىككى قىرىغا ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنىڭ دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقىنى، بۇ پىيادىلەر يولىنىڭ ئۇدۇلىدا قۇرۇلۇش باشلاش ئالدىدا تۇرغان ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) خەلق دوختۇرخانىسى دەرۋازىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى پىيادىلەر يولىنىڭمۇ قىسمەن بۆلىكىنىڭ قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) لىيۈشەن جەنۇبىي يولى، جىڭجياڭ يولى، شىمىگو رايونى شىنمىن شەرقىي كوچىسى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدىمۇ پىيادىلەر يولىنىڭ قورشاۋدا قېلىش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
مۇخبىرنىڭ شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، قورشاۋغا ئېلىنغان پىيادىلەر يوللىرى ئاساسلىقى ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بوش يەر، چېقىش - كۆچۈرۈش رايونىغا تەۋە بولۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلار بىخەتەرلىك ئۈچۈن پىيادىلەر يولىنى قورشاپ قويغان.
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) دىكى كۆپ تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى لىيۈشەن شىمالىي يولى نىڭتەي كوچىسىدىن خېبېي شەرقىي يولىغىچە بولغان 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى توسۇق چېقىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ يول مېڭىشى قولايلاشتى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 7ـ ئايدا ئىتتىپاق يولى بىلەن پىلانلاش يولى كېسىشكەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى بوش يەر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىپ كېلەر يىلى ئەتىيازدىن كېيىن قۇرۇلۇش باشلاش پىلانلانغان. لىيۈشەن شىمالىي يولى بىلەن خېڭشۈن كوچىسى كېسىشكەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى بوش يەر ھازىر تۈزلىنىپ بولغان، كېلەر يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىش مۆلچەرلەنگەن، ئىككى قۇرۇلۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ ئەتراپتىكى توسۇقلار ئېلىۋېتىلدىكەن.
来源:974交通广播
翻译:再依努热
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江