كىشىلىك ھاياتنىڭ مەناسى بىزنىڭ ھاياتقا قانداق قارىشىمىز ۋە قانداق مۇئامىلە قىلىشمىزغا باغلىق.
ناۋادا ھەر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدەپ،
تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرسەك تۇرمۇشنىڭ سەۋەنلىرى كۆپ بولىدۇ؛ ئەگەر ھەر ئىشتا كەڭ
قورساق بولۇپ، ھەر شەيئىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلسەك، تۇرمۇش ھەر ۋاقىت گۈزەل بولىدۇ.
ناۋادا خۇشال ياشاشنى خالىسىڭىز، چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىپ، كىچىك ئىشقا ئارتۇق باش قاتۇرماڭ.
تۇرمۇشتا، كىچىككىنە ئىشنىمۇ كۆڭلىدە ساقلاپ يۈرىدىغان ئادەم باش قېتىنچىلىق ۋە ئازابتىن نېرى بولالمايدۇ . ئۇلارھەممە نەرسىنىڭ ناچار تەرىپىنى«لوپا ئەينەك» بىلەن كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، ھەممە ئىشتىن ئېغىر نارازى بولۇپ، ئۆزىنى زىيان تارتىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەممىلا ئىشلارنىڭ ئۇنچىۋالا يامان بولۇپ كىتىشى ناتايىن.
نۇرغۇن ئىشلار ئەسلى بىز ئويلىغاندىكىدەك ئېغىر ئەمەس. ئەگەر بىز ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلىيالىساق، بۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسىدە بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. شۇڭا قەلبىڭىزدىكى «لوپا ئەينەك»نى تاشلىۋىتىڭ، ئىشلارنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلىۋىلىپ، ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ. شۇندىلا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئانچە چوڭ ئىش ئەمەسلىكىنى، كۈنلىرىڭىزنىڭ بۇرۇنقىدىن كۆپ خۇشاللىققا تولغانلىقىنى بايقايسىز. كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن ئاچچىقلايدىغان ئادەملەرخۇشاللىقتىن مۇستەسنا بولۇپ قالىدۇ.
ناۋادا، بىر ئادەم دائىملا كىچىك ئىش سەۋەبلىك ئۆزىنى يوقىتىپ غەزەبلەنسە،تۇرمۇشى ئاۋارىچىلىققا تولىدۇ. بۇنداق تۇرمۇشتىن قانداقمۇ خۇشاللىق تاپقىلى بولسۇن؟
بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ كەمچىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكىنىلا كۆرىدۇ،ئارتۇقچىلىقىنى بايقىيالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ قىينايدۇ.شۇڭا كىچىك ئىشلارغا باش قاتۇرماي، چوڭ ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك ئويلىغاندا، ئاندىن ئاستا-ئاستا خۇشال بولغىلى بولىدۇ.
ئەگەر ھەر بىر كۈننى ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈن دەپ قارىساق، تەبىئىيلا ئەرزىمەس ئىشلاربىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغان بولىمىز ، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ گۈزەل شەيئىلەر ئۆزلۈكىدىن كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ. ئىشلارنىڭ چوڭ- كىچىك بىلىنىشى ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بۇ ئىشقا قانداق قارىشىمىزغا باغلىق، چۈنكى كۆڭلى-كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتساق، خاپىلىقلار ئاز بولىدۇ.
مۇنداق بىر ئابزاسنى ئوقۇغانىدىم: «تۇرمۇش ھېچ كىمگە ئاسان ئەمەس، ھەركىمنىڭ كۆڭۈلگە پۈككەن دەرتلىرى بولىدۇ.بىراق، بەزىلەر ئازراقلا ئازاب تارتسا، جاھانغا جاكارلاپ،باشقىلارنىڭ بىلمەي قېلىشدىن ئەنسىرەيدۇ. يەنە بەزىلەر لىۋىنى مەھكەم چىشلەپ، كۈلۈپ قويۇپ ئالغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. »
بىر ئادەم خۇشال ياشاشنى خالىسا، مۇنداق ئىككى ئىشنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى كېرەك: بىرىنچىسى، ئۇششاق ئىشلارغا كىرىشىۋالماسلىقى كېرەك؛ ئىككىنچىسى، تۇرمۇشتىكى كۆپ قىسىم ئىشلارنىڭ كىچىك ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.
بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ۋاقىت ۋە زېھنىمىز، شۇڭا ئەرزىمەس كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئۇپراتمايلى.
来源:石榴云
翻译:再依努热
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江