ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مېتروغا ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ

文摘   2025-01-02 17:29   新疆  

ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسىنى سۈركەپلا ئۈرۈمچى مېتروسىغا ئولتۇرالايدۇ

ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرى: پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەر، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسى» بار خادىملار.

ئېتىبار بېرىش دائىرىسى: ئۈرۈمچى مېتروسى 1-لىنىيەسىگە ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ.

ئېتىبار بېرىش شەكلى: ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرى ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالغاندىن كېيىن، بانكا تور نۇقتىلىرى ئارقىلىق ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسىنى قوزغىتىپ، ئاز سوممىلىق چىقىمنى مەخپىي نومۇرسىز چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاچقۇزىدۇ، ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئىچىگە توققۇز يۈەندىن ئاز بولمىغان ئىشلىتىشكە بولىدىغان پۇلنى ساقلىغاندىن كېيىن، مېترونىڭ كىرىش توسۇقىغا كارتىنى سۈركەپلا كىرەلەيدۇ، يەككە مۇساپىلىك بېلەتكە ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

1.«ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسىنى پەقەت شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىلا ئىشلىتىشى كېرەك، باشقىلارغا ئارىيەت بېرىشكە بولمايدۇ. ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرغاندا، خىزمەتچى خادىملار شۇ ئادەمنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىسا بولىدۇ، ئەگەر ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش ئەھۋالى بايقالسا، بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ساختا ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسىنى ئىشلىتىپ، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىگە ھەقسىز ئولتۇرغانلار ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

2. ئېتىبار بېرىش گۇۋاھنامىسىنى سۈركەپ مېتروغا ئولتۇرۇش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى مېتروغا ئولتۇرۇش ئۇسۇلىنى يەنىلا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

来源974交通广播

翻译:古丽加玛丽

编辑:帕夏古丽

 一审:阿依古丽,热依汗古丽

 二审:穆拉地力

 三审:阿不拉江

乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章