شەھەر ئاھالىلىرى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە جاۋاب:
شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتناش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى «تارماق ئەترەت باشلىقى خەت ساندۇقى» تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ھەل قىلدى ۋە ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.
1-سوئال:
مىدۇڭ رايونى جېنشىڭ جەنۇبىي يولى جەنۇبتىن شىمالغا يۇڭشۇن كوچىسى يول ئېغىزىدا، يەر يۈزى بەلگە سىزىقىنىڭ ئەڭ سول تەرىپىدىكى ئاپتوموبىل يولىدا ئۇدۇل مېڭىپ سولغا بۇرۇلۇشقا بولىدۇ، بوشلۇقتىكى بەلگە تاختىسىنىڭ ئەڭ سول تەرىپىدىكى ئاپتوموبىل يولىدا پەقەت سولغا بۇرۇلۇشقىلا بولىدۇ، ئىككىنچى ئاپتوموبىل يولىدا سولغا بۇرۇلۇپ ئۇدۇل مېڭىشقا بولىدۇ، بۇنىڭدا زادى قەيەرگە قاراش كېرەك، بۇ يەردە ئاپتوموبىللار بىر قەدەر كۆپ، بولۇپمۇ كەچتە يەر يۈزىدىكى بەلگە سىزىقلىرىنى ئاسان كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئەڭ سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىدىن ئۇدۇل مېڭىپ ئىككىنچى ئاپتوموبىل يولىدىن سولغا بۇرۇلغان ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كەتسە كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، ئەگەر بۇ يول ئېغىزىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا قانداق ھېسابلىنىدۇ، كۆرسىتىش تاختىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى مۇۋاپىقمۇ؟
جاۋاب:
بۇ مەسىلىلەرنى بىز ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلدۇق، قۇرۇق بەلگە تۈۋرۈكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يېتەرلىك بولمىغاچقا، قۇرۇق بەلگە تۈۋرۈكىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئالماشتۇرۇپ تەستىقلاشنى ئىلتىماس قىلىۋاتىمىز، تەستىقلىنىپ بولغۇچە يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىز داۋاملىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ تېزدىن تاماملايمىز. ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرگە يولۇققاندا چوقۇم يەر يۈزىدىكى بەلگە سىزىقى بىلەن باشقا بەلگە كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مېڭىشى كېرەك.
2-سوئال:
ئالتاي يولى تۆۋەنكى كۆۋرۈكى ئارقىلىق قومۇل يولىدىن سولغا بۇرۇلۇپ شىخۇڭ يولىغا كەلگەندە، ئۇدۇل ماڭىدىغان ئاپتوموبىل يولىنى ئۇدۇل ماڭىدىغان ھەمدە سولغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىل يولى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بولامدۇ؟ چۈنكى، بۇ يەردە سولغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىللار بىر قەدەر كۆپ.
جاۋاب:
بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. سەۋەبى، ئەگەر سولغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىل يولى كۆپەيسە، شىخۇڭ غەربىي يولى غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، بۇ يول ئېغىزى ۋە ئەتراپتىكى يول ئېغىزلىرىدا قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قاتناش ساقچى تارماقلىرى بۇ يول بۆلىكىنىڭ قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىدۇ ھەمدە بۇ يول بۆلىكىنىڭ قاتناش ئەھۋالىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ.
3-سوئال:
شەھەرنىڭ شىمالىدىكى غول يول، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ، يىنبىڭ يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىدا سولغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىللار بەك كۆپ، ئەمما پەقەت بىرلا يولدا سولغا بۇرۇلغىلى بولغاچقا، ھەر كۈنى بىر كىلومېتىر ئەتراپىدا توسۇلۇپ ماڭغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سولغا بۇرۇلىدىغان يېشىل چىراغنىڭ ۋاقتى بەك قىسقا، مۇشۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
جاۋاب:
تارماق ئەترىتىمىزنىڭ سىگنال تەقسىملەش بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى ئارقىلىق مونداق جاۋاپ بېرىشنى لايىق تاپتۇق: بۇ يەردىكى يېشىل چىراغنىڭ ئومۇمىي دەۋرىيلىكى 170 سېكۇنت. شەھەرنىڭ شىمالىدىكى كۆتۈرمە قۇرۇلۇش تارماقلىرىنىڭ يول پىلانلاش لايىھەسىگە ئاساسەن، بۇ يول ئېغىزىدا شەرقتىن غەربكە سولغا بۇرۇلۇش ۋە غەربتىن شەرققە سولغا بۇرۇلۇش بىرلا ۋاقىتتا تەسىس قىلىنغان، قۇرۇلۇش تارماقلىرى بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق، يول ئېغىزىنىڭ شەرقىي كىرىش ئېغىزى تەڭشىلىپ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، سولغا بۇرۇلىدىغان بىر ئاپتوموبىل يولى قىلىنغان.
بۇ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن شەھەر رايونىغا بارىدىغان ئاساسلىق يول بۆلىكى بولغاچقا، يول بويىدا ئولتۇراق رايونلار كۆپ، يول كەسمە يۈزى تار (جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدە پەقەت تۆت ئاپتوموبىل يولى بار)، يول يۈرۈش ئىقتىدارى چەكلىك، قاتناش ئېھتىياجى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلار يىنبىڭ يولى بۆلىكىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە توسۇلۇپ قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب.
ھازىر بۇ يول ئېغىزىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىش ۋاقتى 60 سېكونت، ئۇنىۋېرسال يول ئېغىزىدىكى قاتناش ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىزنىڭ تارماق ئەترىتىمىز ۋاقتىنچە بۇ جاينىڭ شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىش ۋاقتىنى كۆپەيتىشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ماڭغان ئاپتوموبىللار يول ئېغىزىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى يېقىن بۇرۇلۇش ئېغىزىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، قاتناش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرسە بولىدۇ.
来源:乌鲁木齐交警
翻译:热西旦
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江