ساياھەتچىلەر داكا قىلىدىغان ئورۇندىن بىرسى كۆپەيدى

文摘   2024-12-31 16:09   新疆  

 شەھىرىمىزدە ساياھەتچىلەر داكا قىلىدىغان ئورۇندىن بىرسى كۆپەيدى

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونىغا جايلاشقان تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى يىپەك يولى يوۋشى مەدەنىيەت ساياھەت تۈرى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە ساياھەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. شۇ چاغدا، ساياھەتچىلەر تۈرلۈك مەنزىرە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ئويۇن، يۇقىرى بوشلۇقتا شايىغا ئېسىلىپ ماھارەت كۆرسىتىش، ساليوت كۆرگەزمىسى، مەشئەل كۆرگەزمىسى قاتارلىق نومۇرلاردىن ھەقسىز ھۇزۇرلىنىش  بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى يىللىق سوۋغاتلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

شىنجاڭ چۇاڭبو مەدەنىيەت ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: «تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى  يىپەك يولى يوۋشى  ساياھەت تۈرى- بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تۈر تۇرغۇزۇش، قۇرۇلۇش قىلىش، سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، خۇنەن جاڭجياجيېدىكى غەلىتە 72 بىنا، خېنەن جېڭجۇدىكى خېنەن مەدەنىيەت ساياھەت تۈرى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ساياھەت تۈرىنى بەرپا قىلىشتا ئۆرنەك ئالدى. بۇ يەردە، ساياھەتچىلەر سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە تائاملىرىغا ئېغىز تىگەلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىگە بارىدىغان ساياھەتچىلەر، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدىكى P4 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ھەقسىز ئاپتوموبىل توختىتالايدىكەن، بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 1500 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار ئىكەن.

来源974交通广播

翻译:马依拉

编辑:帕夏古丽

 一审:阿依古丽,热依汗古丽

 二审:穆拉地力

 三审:阿不拉江

乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章