قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلەرگە قايتۇرغان جاۋابى

文摘   2024-12-30 09:30   新疆  

قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلەرگە قايتۇرغان جاۋابى

تەكلىپ: ساڭفاڭگوۋ 12-ئوتتۇرا مەكتەپ، سېمونت زاۋۇتى كوچىسى، چىڭفېڭ يول ئېغىزىنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن بولغاچقا، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يول يۈرگەندە، سېمونت زاۋۇتى كوچىسىدىكى قىزىل چىراغ، چىڭفېڭ يول ئېغىزىدىكى يېشىل چىراغ ئاسانلا توسۇلۇپ قالىدۇ، قاتناش چىرىغىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

قايتۇرۇلغان جاۋاب: بۇ تەكلىپ-پىكىرگە قارىتا ھەل قىلىش لايىھەسى مۇنداق: ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە يول ئېغىزىدىكى يېشىل چىراغ شىمالغا 84 سېكۇنت، جەنۇبقا 55 سېكۇنت، غەربكە 35 سېكۇنت، ئومۇمىي ۋاقتى 174 سېكۇنت قىلىپ تەڭشەلدى. ساڭفاڭگوۋ تەۋەلىك رايونىنىڭ يول تورى قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئاددىي بولغاچقا، ساڭفاڭگوۋ يول بويىدىكى ئاھالىلەر كۈندىلىك قاتناش، سەپەرگە چىقىشتا ساڭفاڭگوۋ يولى ئارقىلىق ماڭىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى مەركەزلىك، يول شارائىتى چەكلىك، يول تورى قۇرۇلمىسى ئاددىي بولۇش ساڭفاڭگوۋ يولىنىڭ توسۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. تارماق ئەترىتىمىز يول چىرىغىنىڭ ۋاقتىنى تەڭشەش ئارقىلىق يول بۆلىكىنىڭ قاتناش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەۋەلىك رايوندىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىمۇ شەھەر مەمۇرىيىتى تارماقلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى مەزگىلدە يوللارنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىش قاتارلىق يىرىك پىلانلاردا ساڭفاڭگۇ يولىنىڭ ئەمەلىي قاتناش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، يول تورى ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق يول قاتناش بېسىمىنى يەنىمۇ يىنىكلىتىدۇ.

تەكلىپ: غەربىي ئايلانما شىمالىي يولى ۋەييۈنسى كۆۋرۈكىدە يېڭىدىن ئورنىتىلغان قىزىل-يېشىل چىراغنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق ئەمەس، غەربىي ئايلانما شىمالىي يولىدا ئىككى ئاپتوموبىل يولى بولغاچقا، سولغا بۇرۇلۇشنى ساقلاۋاتقان ئاپتوموبىللار ئوڭغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىللارنى توسۇۋالىدۇ، يەنە بىر يۆنىلىشتە سولغا بۇرۇلۇپ ماي قاچىلاش پونكىتىغا كىرىدىغان ئاپتوموبىللار ئۇدۇل ماڭىدىغان ئاپتوموبىللارنى توسۇۋالىدۇ، يوللار يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ توسۇلۇپ كەتتى، قىزىل-يېشىل چىراغنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمىز.

جاۋاب: غەربىي ئايلانما شىمالىي يولى ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا ئاھالىلەر كۆپ، مەسىلەن، لىجىڭ جياڭشەن، سودا تىرانسپورت شىركىتى، بىڭتۇەن 4-تىرانسپورت شىركىتىدىكى ئاھالىلەر سىرتقا چىقىشنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاممىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، قاتناشنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سىگنال چىرىغى ئورنىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى. بۇنىڭدىن كېيىن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ يول ئېغىزىنىڭ قاتناش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاتناشنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىدۇ.

      :乌鲁木齐交警

      翻译:古丽加玛丽

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章