قىشتىكى يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى قوغدايلى

文摘   2025-01-06 19:00   新疆  

يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەردىن يىراق تۇرۇپ، قىشتىكى يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى قوغدايلى

قەھرىتان قىشتا ئىسسىق ھورى چىقىپ تۇرغان مەززىلىك تاماقلار كىشىگە باشقىچە ھوزۇر بېرىدۇ. بىراق، قىش پەسلى يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى چىقاردى: مەززىلىك تاماقلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان «ساغلاملىق قاتىلى» دىن ھوشيار بولۇپ، يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداڭ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىككېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: قىش پەسلىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا، لىستې باكتېرىيەسى قاتارلىق سوغۇققا چىدامچان باكتېرىيەلەر  كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ زىياپەتلەر كۆپەيگەچكە، يېمەكلىكنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ ساقلايدىغان ئەھۋال بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ يېڭىلىق دەرىجىسى ۋە ساقلاش شارائىتىدا ئاسان مەسىلە كۆرۈلىدۇ. كىشىلەر قىش پەسلىدە ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر تاماق ئېتىش ياكى ساقلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا، ئاسانلا باكتېرىيە ۋىرۇسى پەيدا بولۇپ، كېسەل بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش جەھەتتە: ئىنچىكە تاللاش، مەنبە ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش.

يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى مۇنتىزىم تاللا بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ياكى ئىشەنچلىك يېمەكلىك سودىگەرلىرىدىن سېتىۋېلىش، يېمەكلىك مەنبەسىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېمەكلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، يېمەكلىك بەلگىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ياخشى قاراپ، يېڭى، سۈپىتى ئۆزگەرمىگەن، غەيرىي پۇراق بولمىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاش، «ئۈچ خىل ئۇچۇرى يوق» مەھسۇلات ۋە ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىش؛ گۆش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق سۈپىتى ئاسان ئۆزگىرىپ قالىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ رەڭگى ۋە سۈپىتىنى ئوبدان كۆزىتىش، سېتىۋالغاندا ئىمكانقەدەر سوغۇق ساقلاش ئۈسكۈنىسى بار دۇكاندىن سېتىۋېلىش ھەمدە تېزدىن توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاش ياكى توڭلىتىپ ساقلاش كېرەك؛ كۆكتات سېتىۋالغاندا، يېڭى، يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ كەتمىگەن، قۇرت يېمىگەن كۆكتاتنى تاللاش ھەم ئىمكانقەدەر دېھقانچىلىق دورىلىرى قالدۇقىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان مەھسۇلاتلارنى تاللاش كېرەك. ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن، كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇش، يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى سۇس تۇز سۈيىگە ئازراق ۋاقىت چىلاپ، سىرتىدىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقلىرىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

2. يېمەكلىكلەرنى ساقلاش جەھەتتە: تۈرگە ئايرىپ ساقلاش، تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇش

خام يېمەكلىك بىلەن پىششىق يېمەكلىكنى ئايرىپ ساقلاش، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ توڭلاتقۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا تاشلىۋېتىش، توڭلاتقۇنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك؛ ئۇن-گۈرۈچ، قۇرۇق يەل-يېمىش قاتارلىق نورمال تېمپېراتۇرىدا ساقلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى قۇرغاق، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان، سالقىن جايدا ساقلاپ، نەملىشىپ كۆكىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

3. تاماق ئېتىش جەھەتتە: تولۇق پىشۇرۇش، پاكىز بولۇش

تاماق ئېتىشتىن بۇرۇن، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى پاكىز يۇيۇپ، خام يېمەكلىك بىلەن پىششىق يېمەكلىكنى ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىپ، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ تاماق ئەتكەندە يېمەكلىكنىڭ تولۇق پىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تاماق ئېتىش جەريانىدا ئاشخانىنى پاكىز تۇتۇش، ئوچاق، بۇستارتقۇ، قاچا يۇيۇش ئورنى قاتارلىقلارنى قەرەللىك تازىلاپ، ماي داغلىرى ۋە يېمەكلىك قالدۇقلىرىنىڭ باكتېرىيە پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش، تاماقنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلاش، قاچا-قۇچىلارنى ۋاقتىدا يۇيۇش كېرەك.

4. سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە: ئاشخانىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش، ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش

سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى بار، تازىلىقى پاكىز، ئىناۋىتى ياخشى ئاشخانىنى تاللاش كېرەك. تاماق بۇيرۇتقاندا، يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بۇيرۇتۇش، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش؛ تاماق يېگەندە ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

5. ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش

 قاينىتىلمىغان سۇنى ئىچمەسلىك، پاكىز بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، تاماقنى ئاستا چايناپ  يۇمشىتىپ يېيىش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، دانلىق زىرائەت، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش، مايلىق، ئاچچىق، قەنت مىقدارى يۇقىرى، تۇز مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

来源:乌鲁木齐市疾病预防控制中心

翻译古丽加玛丽

编辑:帕夏古丽

一审:阿依古丽,热依汗古丽

 二审:穆拉地力

三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章