ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇش كەسپىي كۆزنىكىدە «ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش تاختىسى» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇش كەسپىي كۆزنىكىدە «ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش تاختىسى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ئاممىنىڭ كۆزنەكتە قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش سۈرئىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش بويىچە ئىسلاھاتىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپىي كۆزنىكىدە «ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش تاختىسى» نى يولغا قويدى.
ۋاڭ شۆ يەنە مۇنداق دېدى:«ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش تاختىسى» نى ئىشلىتىش ھەممىنى ئاسانلاشتۇردى، ئامما ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىدە ئىمزا قويالايدۇ، «ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا تاختىسى» نىڭ ئەۋزەللىكى يەنە ئىلغار تېخنىكىغا تايىنىپ، ئىمزا ئۇچۇرىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنى ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
来源:石榴云
翻译:再依努热
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江