تاشيول قاتنىشى تېخىمۇ راۋانلاشتى

文摘   2024-12-25 09:31   新疆  

    ئۈرۈمچى غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتنىشىنىڭ باشلىنىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟


12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى. ئۈرۈمچى غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 93.616 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتنىشىنىڭ باشلىنىشى- ئۈرۈمچى «ئۈچىنچى ئايلانما» تېز سۈرئەتلىك يولىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«ئۈچىنچى ئايلانما» ھازىرقى تاشقى ئايلانما يولى (بىرىنچى ئايلانما يولى)، ئىككىنچى ئايلانما يولى ۋە شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى كۆرسىتىدۇ.

ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 90 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئۆلكە تاشيولى 21- لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغىچە، دۆلەت تاشيولى 0711-لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغىچە، دۆلەت تاشيولى 30- لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە دۆلەت تاشيولى 7- لىنىيەسىنىڭ بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا تۇتىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭغا كىرىپ ـ چىقىدىغان تاشيول قاتنىشى تېخىمۇ راۋانلىشىپلا قالماي، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى تۇتاشتۇردى.

ھەممەيلەنگە ئايان، ئۈرۈمچى ـ ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن ئالتايغا بارىدىغان ئەڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيول بەرپا قىلىندى.  غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ـ ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئارقىلىق ئالتايغا بارغىلى بولاتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر بۆلەك يولنى ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، غەربىي ئايلانما  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىۋاستە ئۈرۈمچى ـ ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا تۇتاشتۇرۇلدى.

جەنۇپتا، ئۈرۈمچى غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن ئۈرۈمچىـ لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۇتاشتۇرۇلدى، ئۈرۈمچىدىن جەنۇپ يۆنىلىشىگە ماڭغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئارقىلىق چاقىلىق ناھىيەسى ۋە چىڭخەي ئۆلكىسىگە بارغىلى بولىدۇ. 


      来源974交通广播

       翻译:马依拉

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章