تۇرمۇشتا ئۆزىمىزگە «مەن خۇشال يۈرۈشكە ئەرزىيمەن» دەڭ

文摘   2024-12-17 22:01   新疆  

تۇرمۇشتا ئۆزىمىزگە قايتا-قايتا «مەن خۇشال يۈرۈشكە ئەرزىيمەن» دەپ تۇرىشىمىز كېرەك

تۇرمۇشتا ئۆزىمىزگە قايتا-قايتا «مەن خۇشال يۈرۈشكە ئەرزىيمەن» دەپ تۇرىشىمىز كېرەك. خۇشال يۈرۈش بىر خىل تاللاش، شۇنداقلا بىر خىل ئىقتىدار. بۈگۈن دوستلار بىلەن خۇشال يۈرۈشتىكى 18 خىل ئۇسۇلنى ئورتاقلىشىمىز.

1. دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇڭ. ھاياتلىق يولى ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان بولىدۇ، ئەمما ئەگرى-توقايلىقلار ئىچىدە تەبەسسۇمىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ، كۈلۈمسىرەپ تۇرسىڭىز ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

2. دوستىڭىزنى ئاقىلانىلىك بىلەن تاللاڭ. ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك، ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولسىڭىز، كۆپرەك پىكىرلەشسىڭىز، ئالغا ئىلگىرىلەش سەپىرىڭىزدە يالغۇزلۇق ھېس قىلمايسىز، ھېرىپ قالمايسىز.

3. ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويماڭ. ئۆگىنىش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېچنېمىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. ئادەم ئۆگەنگەنسېرى زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، تەپەككۈرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، ئەقىل-پاراسىتى تاكامۇللىشىدۇ.

4. باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاشنى بىلىڭ، تۇرمۇشتىكى كۆپىنچە باش ئاغرىقى چۈشەنمەسلىكتىن پەيدا بولىدۇ.

5. سىناقلارغا دادىل يۈزلىنىڭ.

6. ئۆزىڭىز قىزغىن سۆيىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ.

7. ئەتىدىكى ئىشلار ئۈچۈن تەشۋىشلەنمەڭ.

8. ئەتراپىڭىزدىكى كۆزگە چېلىقمايدىغان ئىش ۋە شەيئىلەرگە كۆپرەك نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ. خۇشاللىق چوڭ، ئۇلۇغ ئىشلاردىنلا كەلمەيدۇ. تەشتەكتىكى ئەمدىلا ئۈنۈپ چىققان گۈل مايسىسى، كەچكى شەپەقتىكى كوچىلار، قوشنىلار بىلەن ئىللىق سالاملىشىشتىنمۇ خۇشاللىق تاپقىلى بولىدۇ.

9.ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى كەچۈرۈۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار بىزنى ئۆزىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشكە ئۈندەيدۇ.

10. «رەھمەت» دېگەن سۆزنى كۆپرەك ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، «رەھمەت» دېگەن بۇ سۆز ئاجايىپ كۈچكە ئىگە، بۇ سۆز خۇددىي ۋىتامىنغا ئوخشايدۇ. ئىرىشكەنلىرىڭىزگە مىننەتدارلىق نەزىرىدە قاراڭ، مىننەتدارلىقىڭىزنى ۋاقتىدا ئىپادىلەپ تۇرۇڭ، قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىڭ.

11. تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ تۇرۇڭ.

12. قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا پۈتۈن زېھنىڭىزنى بېرىڭ.

13. ئىشلارنى كۆپرەك ياخشى تەرەپكە ئويلاڭ.

14. باشقىلارنىڭ باھاسىغا بەك پىسەنت قىلىپ كەتمەڭ.

15.كەمچىلىكلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ. ھېچكىم مۇكەممەل ئەمەس، ھەر بىرىمىزنىڭ ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق كەمچىلىكىمىز بولىدۇ، لېكىن ھېچقىسى يوق، ھاياتلىق يولىمىزدا كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلايدىغان ئاماللارنى ھامان ئۇچرىتىمىز، ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ھالەتكە بارا بارا يېقىنلىشىمىز.

16. سالامەتلىكىڭىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ، سالامەتلىك بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاچقۇچى، ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

17. خۇشاللىقىڭىزنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلەشنى بىلىڭ.

18. كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، زېھنىڭىزنى ئەرزىمەس ئىش ۋە ئادەملەر ئۈچۈن ئۇپراتماڭ.

دوستۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن، 5 مىنۇتلۇق كۆڭۈلسىزلىكنى دەپ قالغان 23 سائەت 55 مىنۇتلۇق خۇشاللىقىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.

 

      来源:石榴云

      翻译马依拉

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江




乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章