ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 1مىليون 200مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
شىنجاڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تور بېكىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەخسلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى پىكىر» نى ئېلان قىلدى.
پىكىردە مۇنداق دېيىلدى: تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تۈزۈمىنىڭ كاپالەت رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە كۆپ خىللاشقان تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قوللاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەخسلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنى 800 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرىدۇ. قەرز پۇل سوممىسىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قەرز ئالغۇچىلارنىڭ قەرز پۇل سوممىسى يۇقىرىقى ئاساستا يەنىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى تەڭشەشنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدۇ.
ئەگەر پىكىر- تەكلىپ بولسا، 12-ئاينىڭ 23- كۈنىدىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى: جېن خۇڭياڭ
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 4678462-0991
来源:974交通广播
翻译:马依拉
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江