شەھىرىمىزدە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كەسپى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ
12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى مونۇلارنى ئېلان قىلدى: جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى نەق چوت خىزمىتى ئېھتىياجى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، ئۆي-مۈلۈك سودىسى، يەر خېتى بېجى شۆبە زالى (ئۈرۈمچى ئۆي-مۈلۈك سارىيى) 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 0:00 دىن 2025-يىلى 1 -ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 0:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا باجغا ئالاقىدار ئۆي-مۈلۈك سودىسى ۋە تىزىملاش كەسىپلىرىنى بېجىرىشنى توختىتىدۇ، ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
1. باج تاپشۇرۇشقا چېتىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈكنى تۇنجى قېتىم تىزىملاش، يۆتكەپ تىزىملاش (ئەرزان، قولاي ئۆيلەرنىڭ تولۇق مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىپ تىزىملاش) قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كەسىپلىرىنى بېجىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ.
2. ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىگە چېتىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش كەسپى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ.
3. باج يىغىش ۋە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىگە چېتىلىدىغان كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇش كەسپىدىن باشقا، بۇ مەزگىلدە كۆچمەس مۈلۈكنى ئۆزگەرتىپ تىزىملاش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى تىزىملاش، ئارخىپ تەكشۈرۈش ۋە باج تاپشۇرغان كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىش قاتارلىق تىزىملاش كەسىپلىرى نورمال بېجىرىلىدۇ.
来源:974交通广播
翻译:热西旦
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江