109 ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا بىرلا ۋاقىتتا توك قاچىلىغىلى بولىدۇ
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتۇبۇس چەكلىك شىركىتى يىنبىڭ يولى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، 1-قارارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك يۈرۈشلۈك توك قاچىلاش ئەسلىھەسىى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن 109 ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا بىرلا ۋاقىتتا توك قاچىلىغىلى بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىمۇ جىددىي ياسىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە يىنبىڭ يولى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ 1- قارارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك يۈرۈشلۈك توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.
كېيىنكى قەدەمدە، شەھەرلىك جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى توك قاچىلاش تۈۋرۈكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇشۇ يىل ئىچىدە يىنبىڭ يولى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ 2 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، گېجياگۇ، تۇڭجياشىجىچىڭ، چىڭجيەن گۇرۇھىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، باگاڭ، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى، شىسەن دېھقانچىلىق مەيدانى ئاممىۋى قاتناش بېكىتى قاتارلىق جايلاردا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، 466 ئاپتوموبىلنىڭ توك قاچىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە سىرتقا ئېچىۋېتىدىكەن.
来源:974交通广播
翻译:马依拉
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江