پار ئىسسىمىغاندا قانداق قىلىمىز؟
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) يېقىلغۇ گاز ۋە پار بىلەن تەمىنلەش كاپالەت مۇلازىمەت مەركىزى يەنە بىر قېتىم پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك تېلېفونىنى رەتلەپ، ئەرز قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ 24 سائەتلىك دىجۇرنىلىق تېلېفونىنى ئېلان قىلدى.
قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش- مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، مىليونلىغان ئائىلىلەرگە چېتىلىدۇ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە، خەلق تۇرمۇشى پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك. يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇر يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئىنكاس قىلغان پار بىلەن تەمىنلەش تەلەپلىرىنىڭ ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنىشى ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەھەر رايونىدىكى ئىككى دەرىجىلىك پار بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ دىجۇرنىلىق تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، پار بىلەن تەمىنلەشنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى ھەمدە خېرىدارلارنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش تەلەپلىرىگە قارىتا ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور، تاراتقۇ قاتارلىق سۇپىلار ئىنكاس قىلغان پار بىلەن تەمىنلەش ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت كارتىسى تارقىتىش، رېمونتچىلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.
ئىسسىنىش مەزگىلىدە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە پار بىلەن تەمىنلەشتە مەسىلە كۆرۈلسە ياكى پار بىلەن تەمىنلەشتە كاشىلا كۆرۈلسە، ھەر قايسى پار بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىغا ئىنكاس قىلسا بولىدۇ، پار بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرى ۋاقتىدا خىزمەتچى خادىملارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.
来源:石榴云
翻译:热西旦
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江