ئەتىدىن باشلاپ تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى (يېزىقچە ئىمتىھان) غا تىزىملىتىش خىزمىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى يېزىقچە ئىمتىھان 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دە ئېلىنىدۇ، ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) لەرنىڭ تىزىملىتىش توردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) نىڭ تىزىملىتىش تورىدىكى تەلەپ بويىچە، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە توردا تىزىملىتىش، شەخسىي ئۇچۇرنى تولدۇرۇش قاتارلىقلارنى تاماملاپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە توردا ھەق تاپشۇرىدۇ.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملىتىشتىن بۇرۇن ئۆزى قاراشلىق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى (يېزىقچە ئىمتىھان) غا تىزىملىتىش تورىدىكى مەزمۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىشتا زۆرۈر بولغان تۈرلۈك شەرتلەرنى تولۇق ئىگىلەپ، ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە تىزىملىتىشى كېرەك.
来源:949交通广播
翻译:热西旦
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江