يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس داۋاملىق كۆپەيمەكتە

文摘   2025-01-01 09:31   新疆  

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس داۋاملىق كۆپەيمەكتە

12-ئاينىڭ 28-كۈنى 7-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن 20سى يېڭىدىن كۆپەيدى؛ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن 16سى يېڭىدىن كۆپەيدى؛ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 17-يول ۋە 61-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن 37سى يېڭىدىن كۆپەيدى.

يېقىندا ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ئارقا-ئارقىدىن تىجارەتكە كىرىشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ راھەت سەپەرگە چىقىشىغا كۈچ قوشتى.

يېڭىدىن تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ چىقىپ-چۈشۈش پەلەمپىيى ئىلمىي لايىھەلىنىپلا قالماي، ياشانغانلارنىڭ چىقىپ چۈشۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى ئازادە، يورۇق. يېڭى ئاپتوبوسنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، چىقىپ-چۈشۈش پەلەمپىيى پاكار، يەردىن ئارانلا 30 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە، ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ سۇپىسى بىلەن ئوخشاش بىر تەكشىلىكتە بولۇپ، ياشانغانلار، بالىلار ۋە ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ چىقىپ-چۈشۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.

يېڭى ئاپتوبۇستىكى ئورۇندۇقلار زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يۇمشاق بولاقلىق ئورۇندۇقلار كىشىگە تېخىمۇ راھەت تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئورۇندۇقىنىڭ يېنىغا USB زەرەتلىگۈچ ئورنىتىلغان بولۇپ، يولۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە توك قاچىلىيالايدۇ.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس تېز سۈرئەتتە قوزغىلىدۇ، سىلىق ماڭىدۇ، سىلكىنىش يوق، توكلۇق موتور ئىشلىتىلگەن بولۇپ، شاۋقۇن ۋە تەۋرىنىش ناھايىتى كىچىك، ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى بىر قەدەر تىنچ. ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ، سوۋۇتۇش، ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى،2025-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە 11 لېنىيەدە 207 ئاپتوبۇس يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىكەن.


源:974交通广播

翻译古丽加玛丽

编辑:帕夏古丽

一审:阿依古丽,热依汗古丽

二审:穆拉地力

三审:阿不拉江


乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章