ئاپتونوم رايونىمىز ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىدى
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
«ئۇقتۇرۇش»تا ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ رايونلار بويىچە ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2070 يۈەنگە تەڭشەلدى؛ غۇلجا شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق 27 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1890 يۈەنگە تەڭشەلدى. (تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى 1900 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىدۇ)؛ تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى، كۈنيۈ شەھىرى قاتارلىق 69 ناھىيە (شەھەر، رايون) نىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1750 يۈەنگە تەڭشەلدى. سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئايرىم ئايرىم ھالدا 20.7 يۈەن، 18.9 يۈەن (تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى 19.0 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ) ۋە 17.5 يۈەنگە تەڭشەلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 1995-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەڭ تۆۋەن مائاش كاپالىتى تۈزۈمى ئورنىتىشنى تەستىقلىغان ھەمدە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 15 قېتىم ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلغان، بۇ يىلقى 16 ـ قېتىملىق تەڭشەش ھىسابلىنىدۇ.
来源:974交通广播
翻译:马依拉
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江