ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ
«كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 2025-يىللىق سودا ساھەسىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
1. ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە:
بىرىنچى، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاشنى ئىلتىماس قىلىش كۆزنىكى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 24 تە مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئېتىلىدۇ. ئىستېمالچىلار 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىسى سۈرۈشتە قىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تولۇقلاش كۆزنىكى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 24 تە مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئېتىلىدۇ.
ئىككىنچى، يېڭى ئاپتوموبىلنى تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە «بىراك قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىغىۋېلىش ئىسپاتى»، «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتى»، «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش بىرلىككە كەلگەن تالونى»، «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى»دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىيالىدىن مەلۇم قىسمىغا ئېرىشكەن ھەمدە 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇرۇن يۇقىرىقى تۆت تۈرلۈك ئىسپات ماتېرىيالىغا تولۇق ئېرىشكەن ئىستېمالچىلار 2025-يىللىق ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش سىياسىتىنىڭ قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى بىراك قىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە سېتىۋالغان يېڭى ئاپتوموبىل «ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قاتارلىق يەتتە تارماقنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر توغرىسىدىكى قوشۇمچە ئۇقتۇرۇشى»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى، 2025-يىللىق دۆلەت «ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىستېمىسى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ۋاقتىدا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، 2024-يىلى ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ۋە ئاپتوموبىلنى بىراك قىلغان، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن يۇقىرىقى تۆت خىل ئىسپات ماتېرىيالىنى تولۇق ئالغان ئىستېمالچىلار چوقۇم 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن 2024-يىللىق دۆلەت «ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» سىستېمىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ ئىلتىماس قىلمىغانلار كېيىن ئىلتىماس قىلالمايدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
2. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆي بېزەكچىلىكى، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيىنى «يېڭىلاش» جەھەتتە:
2024-يىللىق ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىلتىماس قىلىش 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 24 تە ئاخىرلاشتى، پائالىيەتكە قاتناشقان كارخانىلار 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى، 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يەتكۈزۈش، ئورنىتىش، ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئىلتىماس قىلىش، ھېساباتنى ئۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىشى كېرەك.
3. توكسىكلىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە
2024-يىللىق توكسىكلىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىلتىماس قىلىش 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 24 تە ئاخىرلاشتى، پائالىيەتكە قاتناشقان كارخانىلار 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن كونا توكسىكلىتنى يېڭى توكسىكلىتقا ئالماشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى تاماملىشى كېرەك.
[ئەسكەرتىش]
2025-يىللىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاندى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى ۋە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.
2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار سىياسەت ھۆججەتلىرى ئېلان قىلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلار 2024-يىللىق ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلىپ، ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2025-يىللىق سىياسىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇناسىپ «كونىسىىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
来源:949交通广播
翻译:古丽加玛丽
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江