شەھىرىمىزدىكى بېكىتىلگەن 34 داۋالاش ئاپپاراتىدا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىك ئاغرىقلىرىنىڭ «ئىلتىماس قىلغان ھامان بەھرىمەن بولۇش» ى ئىشقا ئاشۇرۇلدى
ھازىرغا قەدەر، شەھىرىمىزدە 3-دەرىجىلىك بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىدىن 25 ى، 2-دەرىجىلىك بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىدىن 9 ى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىكلەرنى بېكىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىك ئاغرىقلىرىنىڭ «ئىلتىماس قىلغان ھامان بەھرىمەن بولۇش» ى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىك ئاغرىقلىرىنىڭ «ئىلتىماس قىلغان ھامان بەھرىمەن بولۇش»ى دېگىنىمىز، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىكلەرنى بېكىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئاپپاراتلارغا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىكلەرنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرىدۇ، كىلىنىكىلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن، دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بېكىتىش نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى داۋالىنىش كاپالىتى ئۇچۇر سىستېمىسى سۇپىسىغا كىرگۈزىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىك ئاغرىقلىرى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىك ئاغرىقلىرىنىڭ «ئىلتىماس قىلغان ھامان بەھرىمەن بولۇش» نىڭ ئىلگىرىكى بىلەن قانداق پەرقى بار؟
ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇنداق تونۇشتۇردى:
ئەڭ چوڭ پەرق ئۈچ نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ.
بىرىنچى، ئىلتىماس قىلىشقا لازىملىق ماتېرىياللار ئاددىيلاشتى. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بېكىتىش ئۆلچىمى بويىچە مۇناسىپ ئامبۇلاتورىيەنىڭ سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىك، ئالاھىدە كېسەللىك تەمىناتىغا ئىلتىماس ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئامبۇلاتورىيەدىكى كېسەللىك تارىخى ھەم ئالاقىدار تەكشۈرۈش دوكلاتى كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە ھەمدە بېكىتىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، دوختۇرخانىدا يېتىش كېسەللىك تارىخى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ.
ئىككىنچى، بېجىرىش تەرتىپى قولايلاشتى. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرىغا ئىلتىماس ماتېرىيالى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىكلەرنى بېكىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى كۆزنىكىدە ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرىدۇ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بېكىتىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ.
ئۈچىنچى، بېجىرىش مۇددىتى تېخىمۇ قىسقاردى. ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپ بېجىرىش تاماملانغىچە بولغان ۋاقىت چېكى ئىلگىرىكى 20 خىزمەت كۈنىدىن «دەرھال بېجىرىش، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بېجىرىش»كە قىسقارتىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىك ئاغرىقلىرى تەمىناتىدىن ۋاقتىدا بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
سوزۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدە كېسەللىكلەرنى بېكىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى
3-دەرىجىلىك بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتى:
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا
شىنجاڭ تىببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا (شىنجاڭ ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى)
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4-دوختۇرخانا (ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى)
شىنجاڭ تىببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا
شىنجاڭ تېببى داشۆسى قارىمىقىدىكى 6-دوختۇرخانا
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7-دوختۇرخانا
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 8-دوختۇرخانا
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى
ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسى (شىنجاڭ كەسپىي كېسەل دوختۇرخانىسى)
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دوختۇرخانىسى
شىنجاڭ ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسى
شىنجاڭ 474-دوختۇرخانىسى (ئەسلىدىكى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى)
ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى
شىنجاڭ يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى
جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باش ئەترەت دوختۇرخانىسى
ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى)
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يوۋئەي دوختۇرخانىسى
ئاپتونوم رايونلۇق 8-خەلق دوختۇرخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى)
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ليەنخۇ يولى دوختۇرخانا رايونى (ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى
2-دەرىجىلىك بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتى:
ئاپتونوم رايونلۇق 1-جىكۈن دوختۇرخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق 4-خەلق دوختۇرخانىسى)
ئاپتونوم رايونلۇق 2-جىكۈن دوختۇرخانىسى
ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى
ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى
شىنجاڭ باۋشىخۇا دوختۇرخانىسى
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دوختۇرخانىسى چېڭبېي شۆبە دوختۇرخانىسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى تۆمۈريول ئىدارىسى دوختۇرخانا رايونى (ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى ناھىيەلىك دوختۇرخانا)
ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى
ئۈرۈمچى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى
来源:974交通广播
翻译:古丽加玛丽
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江