ھاۋارايىدىن مەلۇمات

文摘   2024-12-24 16:59   新疆  


 بۇ ھەپتە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار يېغىپ، تېمپىراتۇرا يەنىلا تۆۋەن بولىدۇ 

 مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە ( يەنى 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە) شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا 1 سېلسىيە گىرادۇستىن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يوللارنى مۇز تۇتۇپ كېتىش ۋە قار يىغىلىپ قېلىشنىڭ قاتناشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى.

12-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈندۈزدىن 25-كۈنىگىچە ئىلى دەريا ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن تاغلىق رايونلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقى جەنۇبىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدىكەن.

12-ئاينىڭ 25-كۈنى كېچىدىن 27-كۈنى كۈندۈزگىچە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان جايلار، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا 6 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 9 بالدىن 10 بالغىچە، ئۆتكۈنچى شامال 11 بالدىن 12 بالغىچە بولۇپ، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا داۋاملىق تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى كۈندۈزدىن 29-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق قىسمەن تاغلىق رايونلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدىكەن.


      来源:974交通广播

       翻译热西旦

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章