12-ئاي كىرگەندىن بۇيان شەھىرىمىزدە قار كۆپ ياغدى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
12-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 7.7 مىللىمېتىرغا يېتىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 35.1 پىرسەنت كۆپ بولدى.
1. شەھىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى. 12-ئايدىن بۇيان، شىمالىي شىنجاڭ، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13.5 مىللىمېتىر، 7.6 مىللىمېتىر ۋە 2.2 مىللىمېتىر بولۇپ، ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 33.7 پىرسەنىت، 24.6 پىرسەنىت ۋە 69.2 پىرسەنىت كۆپ بولدى».
بۇنىڭ ئىچىدە، شەھىرىمىزدە 12-ئايدىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 24.5 مىللىمېتىرغا يېتىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 75 پىرسەنىت كۆپ بولدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، قىش كىرگەندىن بۇيان مىدۇڭ رايۇنىدا قار ئەڭ كۆپ ياغقان بولۇپ، تىيانشان رايونى 2-ئورۇندا، شىمىگو رايونى 3-ئورۇندا، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ( يېڭى شەھەر رايونى ) 4-ئورۇندا تۇرغان.
12-ئاي كىرگەندىن بۇيان شەھىرىمىزدە جەمئىي تۆت قېتىم ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، يېڭى يىل كىرىشتىن ئىلگىرى شەھىرىمىزدە يەنە بىر قېتىملىق ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
2. نېمە ئۈچۈن بۇ يىل 12-ئايدا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە ھۆل-يېغىن ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپ بولىدۇ؟
شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىنىڭ باش، ئالىي ئىنژېنېرى چېن يىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى:«بۇ يىل يازدىن بۇيان، تىنچ ئوكيان دېڭىز تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، دېڭىز تېمپېراتۇرىسىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، كۈز، قىش پەسلىدىكى شىنجاڭ ھەتتا ئېلىمىزنىڭ كىلىماتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللار بىر قەدەر كۆپ. شۇڭا، 11-ئايدىن بۇيان، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا كۆپ قېتىم تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپ قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋە كۆپ قېتىملىق ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى پەيدا قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ھۆل-يېغىننى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتىۋەتتى».
来源:974交通广播
翻译:热西旦
编辑:帕夏古丽
一审:阿依古丽,热依汗古丽
二审:穆拉地力
三审:阿不拉江