غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى

文摘   2024-12-24 16:59   新疆  


ئۈرۈمچى غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى

12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاندى، بۇ شەھىرىمىزنىڭ قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىدا پۇختا بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

غەربىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 93.6 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇلانباي غەربىي تۈگۈنى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن باشلىنىپ، مىدۇڭ شىمالىي تۈگۈنىدە ئاخىرلىشىدۇ، قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان. پۈتۈن لىنىيەدە ليۇخۇاڭگۇ ۋە ليۇگۇڭ بازىرىدىن ئىبارەت ئىككى مۇلازىمەت رايونى ھەمدە 14 ئورۇندا ئۆتۈشمە يول تەسىس قىلىنىپ، شەھىرىمىزنىڭ ھەر قايسى رايونلىرى ئارا ۋە بىڭتۇەن 12-شى، 6-شى، سانجى شەھىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسى كۈچەيتىلدى. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىللار ئۈنۈملۈك تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، شەھىرىمىز يول تورى سۈپىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، قاتناش-تىرانسپورت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.


      来源974交通广播

       翻译:古丽加玛丽

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章