ھەقسىز ياتاق مۇلازىمىتىنى توردا ئالدىن كېلىشكىلى بولىدۇ

文摘   2024-12-28 10:01   新疆  

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ «ھەقسىز ياتاق» مۇلازىمىتىنى توردا ئالدىن كېلىشكىلى بولىدۇ

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى «ئايروپىلان ئالمىشىدىغان يولۇچىلار مۇلازىمەت يولى» (中转旅客服务通) ئەپچىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «ھەقسىز ياتاق» مۇلازىمىتىنى ئالدىن كېلىشىش بۆلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى پوكەيدە ئىلتىماس قىلىش شەكلى توردا تېز سۈرئەتتە ئالدىن كېلىشىش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئايروپىلان ئالمىشىدىغان يولۇچىلار ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلغان.

ئىلتىماس قىلىش شەرتى: ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى T2، T1 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدىن ئۇچۇپ-قونىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغان ھەمدە بىر كېچە تۇرۇپ قالىدىغان يولۇچىلار «ئايروپىلان ئالمىشىدىغان يولۇچىلار مۇلازىمەت يولى» (中转旅客服务通) ئەپچىقىدا ئالدىن كېلىشسە، تيەنيۈەن تەيكۇڭساڭ مېھمانسارىيىدا بىر كېچە ھەقسىز قونۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

ئەگەر يولۇچىلارنىڭ ئالمىشىدىغان ئايروپىلانى T3 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدىن ئۇچۇپ-قونىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بولسا، مەسىلەن: جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، شيامېن ئاۋىياتسىيەسى، جياڭشى ئاۋىياتسىيەسى، خېبېي ئاۋىياتسىيەسى، سىچۇەن ئاۋىياتسىيەسى، چۇڭچىڭ ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىقلار ۋاقتىنچە بۇ مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. چۇنچيۇ ئاۋىياتسىيەسى، جيۇيۈەن ئاۋىياتسىيەسى، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئالمىشىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلان ئالمىشىش مۇلازىمەت پوكىيىگە بېرىپ مۇلازىمەتتىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ياتاق مۇلازىمىتىنى ئىلتىماس قىلىدىغان يولۇچىلار ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئالماشماقچى بولغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا قونۇپ ئۇچۇشى، ئالدىنقى مۇساپىدە ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ يېتىپ كەلگەن ۋاقتى بىلەن كېيىنكى مۇساپىدە ئولتۇرماقچى بولغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئايرىلىش ۋاقتى 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەم يولغا چىققان بېكەت بىلەن بارماقچى بولغان بېكەت ئوخشاش بىر ئايروپورت ياكى شەھەردە بولماسلىقى كېرەك.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھازىر توردا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان ھەقسىز ياتاقتا يېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مېھمانساراي ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى T2 تيەنيۈەن تەيكۇڭساڭ مېھمانسارىيى (T2 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى يېتىپ كېلىش زالىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان)، T1تيەنيۈەن تەيكۇڭساڭ مېھمانسارىيى (T1 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى يولغا چىقىش زالىنىڭ 2-قەۋىتىگە جايلاشقان) ئىكەن.

ئايروپىلان ئالمىشىدىغان، ھەقسىز ياتاقتا يېتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولۇچىلار ۋىيشىندا «ئايروپىلان ئالمىشىدىغان يولۇچىلار مۇلازىمەت يولى»  (中转旅客服务通) ئەپچىسىگە كىرىپ، «ھەقسىز ياتاق» مۇلازىمىتىنى چېكىپ، مۇلازىمەتتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى تەپسىلىي ئوقۇغاندىن كېيىن «دەرھال بېلەت ئېلىش» نى چېكىپ ھەقسىز ياتاقتا يېتىش مۇلازىمىتنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، ئىككىلىك كودقا ئېرىشكەندىن كېيىن ئىلتىماس مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ. ياتاق بېلىتىنى ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، T2 بوشلۇق بۆلۈمچىسىنىڭ ئالدى سۇپىسىغا بېرىپ، ئىككىلىك كود ۋە مۇناسىۋەتلىك كۈچكە ئىگە كىنىشكىلارنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن مېھمانسارايغا بېرىپ ياتاقتا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.

      :974交通广播

      翻译:古丽加玛丽

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章