بەش جۈپ يولۇچىلار پويىزىنىڭ باش ۋە ئاخىرقى بېكىتى يۆتكىۋېتىلىدۇ

文摘   2024-12-26 19:00   新疆  

   بەش جۈپ يولۇچىلار پويىزىنىڭ باش ۋە ئاخىرقى بېكىتى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا يۆتكىۋېتىلىدۇ

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 1-پەسىللىك پويىز يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدىكەن.

بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىن، بەش جۈپ يولۇچىلار پويىزىنىڭ باش ۋە ئاخىرقى بېكىتى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا يۆتكىۋېتىلىدىكەن. بۇ بەش جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئايرىم-ئايرىم: جىنەن-ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان Z105، Z106-قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى-نەنتۇڭ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان Z362/3، Z364/1 –قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى-قاراماي ئارىلىقىدا قاتنايدىغان C851، C856–قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى-بورتالا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان C861، C868–قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى-غۇلجا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان C845، C846–قېتىملىق پويىز.

تەڭشەلگەندىن كېيىن جەمئىي 12 جۈپ يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا توختاپ ئۆتىدۇ، يولغا چىقىدۇ ياكى سەپەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ توختايدۇ.

يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ئىككى جۈپ يولۇچىلار پويىزى، يەنى: ئۈرۈمچى-ئاقسۇ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان 5/T9516/7،T9518-قېتىملىق ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىدىن بىر جۈپ كۆپەيتىلىدۇ؛ كورلا-قومۇل ئارىلىقىدا قاتنايدىغان C996، C995 -قېتىملىق دىنامىكىلىق ئوق پويىزدىن بىر جۈپ كۆپەيتىلىدۇ.

ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالى-غۇلجا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان C847، C848 –قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالى-قەشقەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان 1/K9772/3،K9774 -قېتىملىق پويىزنىڭ باش، ئاخىرقى بېكىتى ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يۆتكىۋېتىلىدۇ.

تەڭشەلگەندىن كېيىن، تۆت جۈپ ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش رايون بۆلىكى لىنىيەسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ: ئۈرۈمچى-خوتەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان 7556/7، 7558/5 -قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى-خوتەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9718/9،K9720/17 -قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى-تۇمشۇق ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9776/7،K9778/5 -قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى-قەشقەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان K9772/3،K9774/1 -قېتىملىق پويىزنىڭ ئۈرۈمچى-تۇرپان ئارىلىقىدىكى يۈرۈش لىنىيەسى لەنجوۋ-شىنجاڭ يولۇچىلار مەخسۇس لىنىيەسىدە ماڭىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا  قاتنايدىغان ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزىنىڭ ھەممىسى لەنجوۋ- شىنجاڭ يولۇچىلار مەخسۇس لىنىيەسىدە قاتنايدۇ.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، قاتناش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ يۈرۈش ئۇچۇرىدا «تۆمۈريول 12306» تور بېكىتى (يان تېلېفون تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ۋوگزال ئۇقتۇرۇشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. «تۆمۈريول 12306» تور بېكىتى، ۋوگزالدىكى بېلەت سېتىش كۆزنىكى ھەم ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئالاقىدار پويىز قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى سۈرۈشتۈرگىلى ھەم بېلەت سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

      来源974交通广播

       翻译:古丽加玛丽

      编辑:帕夏古丽

     一审:阿依古丽,热依汗古丽

     二审:穆拉地力

     三审:阿不拉江



乌鲁木齐维吾尔语广播
FM104.6交通文艺广播
 最新文章