خۇش خەۋەر! تۇنجى يۈرۈش، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي دەپ ئايرىلمايدۇ

时事   2024-10-08 13:00   北京  

%15تىن تۆۋەن بولمايدۇ، تۇنجى يۈرۈش ئۆي بىلەن ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ ئەڭ تۆۋەن ئالدىن تۆلەش نىسبىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مۇتلەق ۋە كۆپ خىللاشقان ياخشىلاش خاراكتېرىدىكى تۇرالغۇ ئۆي ئېھتىياجىنى قوللاش، ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قەرزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەسلەپكى ئالدىن تۆلەش نىسبىتى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

قەرز ئېلىپ تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالغان ئاھالىلەرگە قارىتا، سودا خاراكتېرلىك شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي قەرزى تۇنجى يۈرۈش، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي دەپ ئايرىلمايدۇ، ئەڭ تۆۋەن ئالدىن تۆلەش نىسبىتى بىر تۇتاش %15تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. 

مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئەڭ تۆۋەن ئالدىن پۇل تۆلەش نىسبىتى ئاساسىدا، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك شۆبە بانكىلىرى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى ئەۋەتكەن ھەرقايسى ئاپپاراتلار شەھەرگە قاراپ تەدبىر تۈزۈش تەلىپىگە ئاساسەن، قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەڭشەش-كونترول قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە پەرقلىق ئەڭ تۆۋەن ئالدىن پۇل تۆلەش نىسبىتى سىياسىتىنى بېكىتىش-بېكىتمەسلىكنى مۇستەقىل بېكىتىدۇ ھەمدە تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەسلەپكى پۇل تۆلەش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى بېكىتىدۇ. 



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ ئاپتوموبىلدىن چۈشمەي باھالاش قاتارلىقلارنى تۈزەش كېرەك

◇ پەلەستىن زىمىنىنى قانۇنسىز ئىشغال قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك

◇ تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ يادروسى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章